• فۇكاڭ شەھىرىدىكى لاتارىيەچى «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە ئۇيۇنىدا ئون مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • فۇكاڭ شەھىرىدىكى لاتارىيەچى «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە ئۇيۇنىدا ئون مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تەرجىمىسى : 
    لاتارىيەچىلەرگە ئوخشىمىغان خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، تۆت خىل لاتارىيە بېلىتى شىنجاڭدا داغدۇغىلىق بازارغا سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان 50 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى ھېسابلىنىدۇ. «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» سانجى ئوبلاستىدا بازارغا سېلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئارقا ـ ئارقىدىن 1000 يۈەن، 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، فۇكاڭ شەھىرىدىكى 65232603 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى، لاتارىيەچى سۇ خانىم «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» ئۇيۇنىدا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 
    ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى سۇ خانىم فۇكاڭدىكى يەرلىك كىشى بولۇپ، شەھەر رايونىدا بىر كىچىك دۇكان ئاچىدىكەن، 65232603 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا ئانچە يىراق ئەمەسكەن، ئۇ«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىنىڭ ھەۋەسكارى بولۇپ، ئادەتتە قىممىتى 10 يۈەن ۋە 20 يۈەنلىك«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. 4- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سۇ خانىم 65232603 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى خىلمۇخىل«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى كۆردى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى قىرىپ باققان« لۇڭفېڭچېڭشياڭ» ، « ئون ھەسسە ئامەت» يەنە ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» ۋە 30 يۈەنلىك« ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» لاتارىيە بېلىتى بار ئىدى. مال ساتقۇچى لى خانىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: « بۇ يېڭى كەلگەن قىممىتى 30 يۈەنلىك ۋە 50 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى، يېڭى لاتارىيە بېلىتنى سىناپ باقامسىز ، 50 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتىنىڭ 25 قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار ، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن. »-دېدى ، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، سۇ خانىم مال ساتقۇچىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا 50 يۈەنلىك ««دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» نى تاللىدى، ئۇ يېڭى روھىي ھالەت بىلەن بىر بېلەت ئىچىدىن بەش ۋاراق ئېلىپ، بېلەت يۈزىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشىش چۈشەندۈرۈشىنى كۆرۈپ، ئاستا-ئاستا ئولتۇرۇپ ئېھتىيات بىلەن قىرىشقا باشلىدى. 
    سۇ خانىم بەش دانە «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» نى ئۈچ مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قىرىپ بولدى، ئىككى دانە 50 يۈەن مۇكاپات چىقتى، سۇ خانىم يەنە بەشنى ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى، بۇ قېتىمقى بەش دانە «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» بېلەتنىڭ تۆت پارچىسى مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 280 يۈەن بولدى. سۇ خانىم مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز سومكىسىدىن يەنە 100 يۈەن چىقىرىپ ئىككى پارچە «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» نى سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: « مەن ئەينى ۋاقىتتا ئون پارچىنى قىرىۋەتتىم، ئالدىدىكى كىچىك مۇكاپاتنىڭ ھەممىسى چىقىپ بولدى، چوڭ مۇكاپات چوقۇم يەنە بار. »، سۇ خانىم تولۇق ئىشەنچ بىلەن يەنە قىرىشقا باشلىدى، بىرىنچى پارچىسىدا مۇكاپات چىقمىدى، ئۇ سەل ئۈمىدسىزلەندى، ئىككىنچى پارچىسىنى ئاستا ـ ئاستا ئېلىۋەتكەندە، ئۇ ھەيران بولۇپ: « تەڭرىم! ھەممىسى مۇكاپات سۈرىتى بەلگىسى، ھەممىسى مۇكاپات پۇلى. » ، ئويۇن قائىدىسىگە ئاساسەن بۇ« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» تىن جەمئىي 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققان. 

    مۇكاپات چىققاندىكى خۇشاللىق سۇ خانىمنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۈچ يىل«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويناپ بۇ تۇنجى قېتىملىق بۇنچە كۆپ مۇكاپات پۇلىىغا ئېرىشىشى ئىدى ، ئۇ ئالدىراپ ـ تېنەپ ساتقۇچىغا مۇكاپات نەخلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى ، ساتقۇچى خادىم چۈشەندۈرۈپ:  بۇ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات ، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيىسى مەركىزىگە بېرىپ ئېلىش كېرەك دەپ چۈشەندۈرىدى ، ئارقىدىن مال ساتقۇچى سۇ خانىمغا سەۋرچانلىق بىلەن سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ كونكرېت ئورنى ۋە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى ئېيتىپ، سۇ خانىمغا مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتىنى ياخشى ساقلاشنى، لاتارىيە بېلىتىنى يوقىتىپ قويماسلىقنى ئەسكەرتتى ھەم سۇ خانىمنىڭ مۇكاپاتنى تېزدىن نەقلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00