• پاراۋانلىق لاتارىيە يېڭى بېلەت تۈرى«ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن»نى سىناپ بېقىڭ،كاتتا مۇكاپات سىزگە چىقىشى مۇمكىن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • پاراۋانلىق لاتارىيە يېڭى بېلەت تۈرى«ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن»نى سىناپ بېقىڭ،كاتتا مۇكاپات سىزگە چىقىشى مۇمكىن

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تەرجىمىسى : 
    يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، جايلاردىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتلىرى ئىككى ئايغا يېقىن قىشلىق ئۆچەككە كىرىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى باھارنى كۈتۈۋالدى، نۇرغۇن كونا-يېڭى لاتارىيەچىلەر ھاياجانلىنىپ بەس-بەستە لاتارىيە سېتىۋالدى. 
    4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن، يىگىت ئالىم ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىكى 65294503 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئۇدۇل «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى كۆرگەزمە ئىشكاپىغا قاراپ ماڭدى ، مال ساتقۇچى شياۋچېننى يېقىندىكى قىزىقارلىق «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى تۈرلىرىنى تەۋسىيە قىلىشنى ئېيتتى. شياۋچېن «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» نىڭ سادىق ھەۋەسكارى ئالىمنى كۆرۈپ، شۇ ھامان چۈشتىن كېيىن ئەمدىلا ئەۋەتىلگەن يېڭى بېلەت «ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» تىن بىر قانچىنى ئېلىپ، ئالىمغا ئۆزى خالىغانچە تاللاش ئۈچۈن بەردى، « بۇ تېخى ئەمدىلا كەلگەن يېڭى بېلەت، تېخى ھېچكىم سېتىۋېلىپ باقمىدى، بۇنى سىناپ باقامسىز؟ بەلكىم مۇكاپات چىقىشى مۇمكىن.»، ئالىم شياۋچېننىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ دەرھال ئۇنىڭغا قىزىقىپ شۇ ھامان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتىدىن ئون پارچىنى تاللاپ بېلەتنى قىرىشقا باشلىدى، ئۇ كۆڭلىدە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئون پارچە« ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» نىڭ ئىچىدىن كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى ، ئالىم سەل ئۈمىدسىزلەندى، ئۇ شياۋچېنغا مۇنداق دېدى: « مەن ئون پارچىنى قىرىۋەتتىم، ھەممىسى كىچىك مۇكاپات، قارىغاندا بۈگۈن تەلىيىم كەلمىگەن ئوخشايدۇ. »، شياۋچېن مۇنداق دېدى: « بۇنداق بولۇشى ناتايىن، سىز ئالدىدا 10 نى قىرىپ بىتەلەينى چىقىرىۋەتتىڭىز، كەينىدە چوڭ مۇكاپات چىقىپ قالسا تېخى بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، سىز كونا لاتارىيەچى ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاڭ، ئالدىرىماڭ، ئاستا-ئاستا كېلىڭ. »، ئالىم شياۋچېننىڭ دېگىنى توغرا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە تەلەيگە قاراش كېرەك، مۇھىمى ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك دەپ ئويلىدى. ئويلىمىغان يەردىن ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى پارچىغا كەلگەندە، ئالىم ھاياجانلانغان ھالدا« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قۇردىكى مۇكاپات نومۇرى« 21» نىڭ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى، تەپسىلىي سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. 

    «يېڭى بېلەت تۈرىنى سىناپ بېقىپلا مۇكاپاتقا ئېرىشىپتىمەن، ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، مەن بەك خۇشال بولدۇم، مەن دەرھال ئۆيگە قايتىپ ئاتا ـ ئانامغا بۇ خۇش خەۋەرنى ئېيتىمەن ، ئۇلارغا سوۋغات ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى خۇشال قىلىمەن»، مال ساتقۇچى شياۋ چېن بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئالىم خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتتى.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ھىندىستان دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيە ۋە قىزىغىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

    1970-01-01 08:00

  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00