• ئامەتلىك لاتارىيەچى ما ئەپەندىم 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ئامەتلىك لاتارىيەچى ما ئەپەندىم 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تەرجىمىسى : 
    2020- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى، شىخەنزە شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ما ئەپەندى ئۆزىنىڭ مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئورنىغا كەلدى، چۈنكى ئۇ« گېڭزى چاشقىنىنىڭ 20 يۈەن» لاتارىيە بېلىتى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى لاتارىيەنى قوللاش ۋە غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن، 2020 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە قىممىتى 20 يۈەنلىك « گېڭزى چاشقىنىنىڭ 20 يۈەن» ئۇيۇنىنى يولغا قويدى ، « چاشقان يىلى بەخت Q5 يول باشلاش » تېمىسىدىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە جەمئىي 5 دانە 1 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات ۋە 25 دانە ئاۋدى Q5 ئاپتوموبىلى بار بولۇپ، شىخەنزە شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ما ئەپەندى شىنجاڭ بويىچە بەشىنچى بۇلۇپ 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشى ئىدى. 
    ما ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ شىخەنزە شەھىرىدىكى 34 ئولتۇراق رايوننىڭ شەرقىي 1 ـ يولى 144 ـ 2 ـ نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان 6503004 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىدىن پۈتۈن بىر بولاق« گېڭزى چاشقىنىنىڭ 20 يۈەن» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان ئىكەن. چۈنكى شىخەنزە شەھىرىدە 4 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن باشلاپ«سىز بىر بۇلاق سېتىۋېلىڭ ، مەن لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي» تېمىسىدىكى پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەت مەزگىلىدە، ئومۇمەن شىخەنزىگە قاراشلىق پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا پۈتۈن بىر بولاق «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان ھەم مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، 50 يۈەن قىممىتىدىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتىگە ئېرىشەلەيدۇ ، يەنى ئوچۇق لاتارىيىە بېلەت ياكى كومپيۇتېر بېلىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. پۈتۈن بېلەتنى قىرىشنى ياخشى كۆرىدىغان ما ئەپەندى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر كاتتا خۇش خەۋەر ئىدى، چۈنكى«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» مۇكاپات قايتۇرۇش مۇقىم بولۇپ، بىر قەدەر ئەرزان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ مۇكاپاتنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى! ما ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات دەل ئۇ پۈتۈن بولاق سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 
    ما ئەپەندى ئون نەچچە يىللىق لاتارىيەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇكاپات ئېلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: « لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مادارىغا قاراپ ئىش قىلىشىغا نەسىھەت قىلىمەن، لاتارىيە پەقەت بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇشاللىق تېپىش ئەڭ مۇھىم. » دېدى. 

    تەھرىرنىڭ دېمەكچى بولغىنى جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، « ياشانغانلارغا يار-يۆلەك بولۇش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىملارنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» تىن ئىبارەت تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پاراۋانلىق لاتارىيەسى جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىليونلىغان ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار، يېتىم-يېسىر، مېيىپ بالىلار ۋە ئائىلىسى نامرات جەمئىيەتتىكى ئاجىز توپلارغا ياردەم بېرىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق خەير-ساخاۋەت ئۈلگىسى بولۇپ كەلدى. پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋالغان ھەر بىر لاتارىيەچى بۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشتى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈلدى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى جامائەت پاراۋانلىقى فوندى ئارقىلىق غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق ئېھتىياجى بار كىشىلەرگە يەتكۈزۈلدى.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ھىندىستان دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيە ۋە قىزىغىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

    1970-01-01 08:00

  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00