• ياش يىگىت تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ياش يىگىت تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تەرجىمىسى : 
    « لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا مەنمۇ ئانچە كۆپ ئويلاپ كەتمىگەن ئىدىم، پەقەت تەلىيىمنى سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە ئىدىم، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن مۇكاپات چىقتى»-دېدى نىلقا ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى شياۋجياڭ خۇشال ھالدا. 
    شياۋجياڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ قېتىم مۇكاپات چىقىشى پۈتۈنلەي تاساددىپىيلىق بولۇپ، ئەسلىدە ئۇ« كىچىك بالا» بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەقەت ئىككى قېتىملا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ باققان ئىكەن. 4 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، شياۋ جياڭ بىر نەچچە دوستى بىلەن سىرتقا چىقىپ بىر كۈن سەيلە قىلدى، ئۆيگە قايتىش يولىدا دەل نىلقا ناھىيەسىنىڭ مەركىزىي مەيدانىدىكى لاتارىيە بېلەت سېتىش نۇقتىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. ھەممىسى يىگىرمە نەچچە ياشلىق ياشلار بولغاچقا ئويۇن ئويناشقا ئامراق، ھەممە نەرسىگە قىزىقىدۇ.  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش نۇقتىسىنى كۆرۈپ: ـــ بۈگۈنمۇ ئويناپ ھېرىپ كەتتۇق، ئۇنىڭدىن كۆرە بېرىپ بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىمىزنى سىناپ باياقلى ، ھەم بىردەم ئولتۇرۇپ ئارام ئالايلى ــ دېدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. شياۋجياڭ ئىلگىرى لاتارىيە بېلىتىگە بىر قەدەر ناتۇنۇش بولغاچقا ئالدى بىلەن بىر چەتتە تۇرۇپ دوستلىرىنىڭ لاتارىيە بېلتى سېتىۋالغانلىقىغا قاراپ تۇردى، شياۋجياڭمۇ بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىز ھالدا قىممىتى 20 يۈەنلىك« تيەنشيەنپېي天仙配» دىن بىرنى سېتىۋالدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭغا ئون مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپات چىقتى، شياۋجياڭ ھەيران بولۇپ لاتارىيە بېلىتىگە تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى. باشقا لاتارىيەچىلەر ۋە دوستلىرى بۇ « كىچىك بالا» نىڭ ئويلىمىغان يەردىن 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى ئالغانلىقىنى كۆرۈپ، بەخت تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ناھايىتى زوقلىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. 

    شياۋجياڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىگىنىدە ھاياجىنىنى باسالماي قالدى.ئۇ مۇكاپات پۇلىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە توختالغاندا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن مۇكاپات پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • كىچىك چولپان سەفىيەدىن بايراملىق سوۋغا « قونچۇغۇم »

    1970-01-01 08:00

  • ما ئەپەندىم « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00