• ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تەرجىمىسى : 
    يېقىندا، ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى بەختلىك ئانا شياۋليۇنى كۈتۈۋالدى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئاستا ماڭغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن خۇشال ھالدا خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى: « چۈشۈمدىمۇ بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، مەن 10 يۈەن خەجلەپ 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالدىم، بۇ بالىلىرىمغا بېرىلگەن مۇكاپات  ! » دېدى. 
    شياۋليۇنىڭ بىر بەختلىك ئائىلىسى بولۇپ، كىيىم-كېچىكىدىن غەم قىلمايتتى، يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلمايتتى. يولدىشىنىڭ سودىسى ياخشى بولۇپ، بىكار ۋاقىتلىرىدا پاراۋانلىق لاتارىيە ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. ئەر-خوتۇن بىللە ئويناپ، شياۋليۇمۇ بىلىپ-بىلمەيلا ئېچىپلا تېگىشىدىغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيەسىگە ئامراق بولۇپ قالدى. بىراق ئۇ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن سېتىۋالىدىغان بولۇپ، ئەزەلدىن 50 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. لاتارىيە ئالسا مۇكاپات چىقسا ئەلۋەتتە خۇشال بولىدۇ، چىقمىسىمۇ كۆڭلىنى يېرىم قىلمايدۇ. 
    4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، شياۋليۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىپ، غۇلجا شەھىرى ئازادلىق يولى 7-كوچىسىدىكى بېلەت سېتىش نۇقتىسىدىن ئۆتتى، گەرچە دائىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالمىسىمۇ لېكىن شياۋليۇمۇ ئۆزىنىڭ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئويۇن كۆرسىتىش قۇتىسىنىڭ ئىچىدىكى بېلەت تۈرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا نەزىرىنى قىممىتى 10 يۈەنلىك« ئەجدىھا سۇمۇرغ شياڭشياڭ» غا تىكتى. بەخت دېگەن ھەممە يەردە بار، لاتارىيە بېلىتىنىڭ بىرىنچى يوپۇقنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، شياۋليۇ كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى، « ئەجدىھا» دېگەن بەلگە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ يۈەن ئىدى. 

    شياۋليۇ خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: « گەرچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش قېتىم سانىم كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن لاتارىيە بېلىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئەسلىدىنلا تۆۋەن ئېھتىماللىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، مەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپلا مۇكاپات چىقتى، بۇ نېمىدېگەن تەلەيلىك ئىش ـ ھە! مەن بۇ قېتىمقى مۇكاپات پۇلىنىڭ ھەممىسىنى پات ئارىدا تۇغۇلىدىغان قوزامغا سۈت پاراشوكى پۇلى قىلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاتارىيەچى دوستلارنىڭ لاتارىيە ئويۇنىدا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! » دېدى.


    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • كىچىك چولپان سەفىيەدىن بايراملىق سوۋغا « قونچۇغۇم »

    1970-01-01 08:00

  • ما ئەپەندىم « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00