• ما ئەپەندىم « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ما ئەپەندىم « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تەرجىمىسى : 
    2020- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى، « قوش رەڭلىك توپ» 2020033- قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، قىزىل توپ نومۇرى 07، 10، 12، 21، 31، 32، كۆك توپ نومۇرى 01 بولدى. 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات 97 دو بۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر مول ھوسۇل ئالدى، جەمئىي 8 دو 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 263 مىڭ 480 يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدىن شىخەنزە شەھىرى 3-ئولتۇراق رايونى شەرقىي ئايلانما يولى 47-نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان 65030021 پاراۋانلىق لاتارىيىسى پونكىتىدىكى لاتارىيەچى بەختىگە يارىشا بىر دو مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 
    مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ما ئەپەندى 6-ماي چۈشتىن كېيىن شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. ما ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ بىر ئىشلەمچى بولۇپ، لاتارىيە بېلىتى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس ئىكەن، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنىنىڭ تۈرىنىمۇ ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىكەن، پەقەت 5 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقىدىغان« قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىغا قىزىقىدىكەن. 5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى ياشلار بايرىمى، ما ئەپەندى شۇ كۈنى دەم ئالدى، چۈشتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىۋاتقاندا، 65030021 پاراۋانلى لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ لاتارىيە سېتىۋالدى. « يۆلىنىش خەرىتىسىنى مەنمۇ تەتقىق قىلىشنى بىلمەيمەن، شۇڭ ئاپتوماتىك تاللاش ماشىنىسىدا ئون يۈەنلىك قىلىپ تاللىدىم، مال ساتقۇچى ماڭا 5- چېسلا كەچتە مۇكاپات ئېچىدىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، پۇل تۆلەپ بېلەتنى ئالغاندىن كېيىن كېتىپ قالدىم»-ېدى ما ئەپەندى. 
    ئويلىمىغان يەردىن، ما ئەپەندىم 260 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ما ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « ناھايىتى مىننەتدار بولدۇم، ناھايىتى قانائەتلەندىم، مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. »، خىزمەتچى خادىملار ما ئەپەندىمنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خۇسۇسىيىتىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ نەق مەيداندا ئۇنىڭغا پاراۋانلىق لاتارىيەسى جامائەت پاراۋانلىقى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى. ما ئەپەندى سېتىۋالغان« قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى 10 يۈەن پۇلنىڭ 3.6 يۈەنى جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ، دەل ما ئەپەندىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولغاچقا، دۆلەت ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. 

    ئاددىي-ساددا ما ئەپەندى بۇ مۇكاپات پۇلىنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتكەندىن سىرت، كېيىن داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى قوللاپ، پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00