• شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ كەلگۈسى 3كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ كەلگۈسى 3كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى خەۋىرى، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى :ھازىردىن باشلاپ كەلگۈسى ئۈچ كۈندىكى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن  ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات 

     بۈگۈن كۈندۈزدىن كېچىگىچە ، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ؛  بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ؛ يۇقىرىقى رايونلارنىڭ كۆپ قىسمىدا 4-5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدىكى شامال كۈچى 10-11 بالغا يىتىدۇ، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 56 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇم بوران چىقىدىكەن.

     شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى چوڭ ئەمەس.

     30- چىسلا كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭنىڭ شامال ئېغىزى رايونىدا ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى شامال 8-9 بالغا يېتىدۇ. 

    شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى چوڭ ئەمەس.

     7-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس.

     ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 2020 ـ يىل 6 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تارقاتقان بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋە قارا يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋە تەبىئىي بايلىق نازارىتى بىرلىكتە گېئو ئاپەت ھاۋا رايى خەۋپ-خەتىرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى: مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى 24 سائەتتە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن ناھىيەسى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ھۆل-يېغىن رايونىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ئامىللارنىڭ گېئو ئاپەت پەيدا قىلىش خەۋپ-خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن.

     نۇقتىلىق ئەسكەرتىش: بۈگۈن، ئەتە ئىككى كۈن، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىدا يامغۇر يېغىپ، مۆلدۈر، قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىيان، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، تاغ گۆمۈرۈلۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ھاۋارايى خەۋپ-خەتىرىنىڭ دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. 

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەلگۈسى 24 سائەتلىك ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتى بۈگۈن كۈندۈزدىن كېچىگىچە: ئاز ۋە ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى:16 ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا:11 شامال يۆنىلىشى شامال كۈچى: غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى 45 بال 

    مەنبەسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00