• تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

    دو تىكىش ئۇسۇلى ھەققىدە ساۋات

    3D ئويۇنى بازارغا سېلىنغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبىرىكلەش، لاتارىيەچىلەرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان 3D ئويۇنىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 3D ئويۇنىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلدى. تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز.

    1. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغان دو تىكىش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟ قاچان يولغا قويۇلدى؟
    جاۋاب: بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغان دو تىكىش ئۇسۇللىرى تۆت خىل بولۇپ، ئۇلار: D1 غا دو تىكىش، 2D غا دو تىكىش، بارلىق گۇرۇپپىلىنىدىغان نومۇرلار (ئۈچ خىل گۇرۇپپىلىنىدىغان نومۇرلار ۋە ئالتە خىل گۇرۇپپىلىنىدىغان نومۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا دو تىكىش ۋە ئوخشاش ئۈچ نومۇرغا دو تىكىشتىن ئىبارەت تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىدۇر. 2014 – يىلى 20 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلدى.
    2. 1D غا دو تىكىش دېگەن نېمە؟ مۇكاپات چىقىش شەرتى قانداق؟ يەككە مۇكاپات سوممىسى قانچە؟
    جاۋاب: 1D غا دو تىكىش دېگىنىمىز، يۈزلەر، ئونلار ياكى بىرلەر خانىسىنىڭ خالىغان بىرىگە دو تىكىشنى كۆرسىتىدۇ؛ 1D غا دو تىكىشنىڭ مۇكاپات چىقىش شەرتى: دو تىكىلگەن نومۇر مۇكاپات چىققان نومۇرنىڭ خانە سانى بويىچە ئوخشاش بولسا، مۇكاپات چىققان بولىدۇ، مەسىلەن، دو تىكىلگەن نومۇر «1**» بولغان بولسا، مۇكاپات چىققان نومۇرمۇ «1**» بولسا، مۇكاپات چىققان بولىدۇ؛ يەككە مۇكاپات سوممىسى ئون يۈەن بولىدۇ.
    3. 3. 2D غا دو تىكىش دېگەن نېمە؟ مۇكاپات چىقىش شەرتى قانداق؟ يەككە مۇكاپات سوممىسى قانچە؟
    جاۋاب: 2D غا دو تىكىش دېگىنىمىز، يۈزلەر ۋە ئونلار، ئونلار ۋە بىرلەر خانىسى ياكى يۈزلەر ۋە بىرلەر خانىسىدىكى نومۇرلارنىڭ بىردىنبىر تىزىلىش شەكلىگە دو تىكىشنى كۆرسىتىدۇ؛ 2D غا دو تىكىشنىڭ مۇكاپات چىقىش شەرتى: دو تىكىلگەن نومۇر مۇكاپات چىققان نومۇرنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نومۇرنىڭ خانە سان بويىچە ئوخشاش بولسا، مۇكاپات چىققان بولىدۇ؛ مەسىلەن، دو تىكىلگەن نومۇر «12*» بولغان بولسا، مۇكاپات چىققان نومۇرمۇ «12*» بولسا، مۇكاپات چىققان بولىدۇ؛ يەككە مۇكاپات سوممىسى 104 يۈەن بولىدۇ.
    4. بارلىق گۇرۇپپىلىنىدىغان نومۇرلارغا دو تىكىش دېگەن نېمە؟ قانچە خىلغا ئايرىلىدۇ؟
    جاۋاب: بارلىق گۇرۇپپىلىنىدىغان نومۇرلارغا دو تىكىش دېگىنىمىز، «يەككە تاللاش» ۋە «گۇرۇپپىلاپ تاللاش» بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ نومۇرغا دو تىكىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچ خىل گۇرۇپپلىنىدىغان نومۇرلارغا تولۇق دو تىكىش ۋە ئالتە خىل گۇرۇپپلىنىدىغان نومۇرلارغا تولۇق دو تىكىشتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.
    5. ئۈچ خىل گۇرۇپپلىنىدىغان نومۇرلارغا تولۇق دو تىكىش دېگەن نېمە؟ مۇكاپات چىقىش شەرتى قانداق؟ يەككە مۇكاپات سوممىسى قانچە؟
    جاۋاب: ئەگەر دو تىكىلگەن ئۈچ نومۇرنىڭ ئىچىدە ئىككى نومۇر ئوخشاش بولسا، ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل تىزىلىش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئۈچ خىل گۇرۇپپىلىنىدىغان نومۇرلارغا تولۇق دو تىكىش دېيىلىدۇ؛ مۇكاپات چىقىش شەرتى «تولۇق چىقىش» ۋە «گۇرۇپپىلىنىپ چىقىش» قا ئايرىلىدۇ، ئەگەر دو تىكىلگەن ئۈچ خانىلىق نومۇرنىڭ خالىغان ئىككى خانىسىدىكى نومۇر ئوخشاش بولسا ھەمدە دو تىكىلگەن نومۇر بىلەن شۇ قاراردا مۇكاپات چىققان نومۇر خانە سان بويىچە ئوخشاش بولسا، «تولۇق چىقىش» بويىچە مۇكاپات چىققان بولىدۇ، مەسىلەن، دو تىكىلگەن نومۇر «011» بولغان بولسا، مۇكاپات چىققان نومۇرنى «011» بولسا، مۇكاپات چىققان بولىدۇ؛ يەككە مۇكاپات سوممىسى 693 يۈەن بولىدۇ. ئەگەر دو تىكىلگەن ئۈچ خانىلىق نومۇرنىڭ خالىغان ئىككى خانىسىدىكى نومۇر ئوخشاش بولسا ھەمدە دو تىكىلگەن نومۇر بىلەن شۇ قاراردا مۇكاپات چىققان نومۇر بىلەن ئوخشاش بولۇپ تەرتىپى ئوخشاش بولمىسا، «گۇرۇپپىلىنىپ چىقىش» بويىچە مۇكاپات چىققان بولىدۇ، مەسىلەن، دو تىكىلگەن نومۇر «011» بولغان بولسا، مۇكاپات چىققان نومۇر «101» ياكى «110» بولسا، مۇكاپات چىققان بولىدۇ؛ يەككە مۇكاپات سوممىسى 173 يۈەن بولىدۇ.
    6. ئالتە خىل گۇرۇپپىلىنىدىغان نومۇرلارغا تولۇق دو تىكىش دېگەن نېمە؟ مۇكاپات چىقىش شەرتى قانداق؟ يەككە مۇكاپات سوممىسى قانچە؟
    جاۋاب: ئەگەر دو تىكىلگەن ئۈچ نومۇر ئوخشاش بولمىسا، ئالتە خىل تىزىلىش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئالتە خىل گۇرۇپپىلىنىدىغان نومۇرلارغا تولۇق دو تىكىش دېيىلىدۇ. مۇكاپات چىقىش شەرتى «تولۇق چىقىش» ۋە «گۇرۇپپىلىنىپ چىقىش» قا ئايرىلىدۇ، ئەگەر دو تىكىلگەن ئۈچ خانىلىق نومۇر ئوخشاش بولمىسا ھەمدە دو تىكىلگەن نومۇر بىلەن شۇ قاراردا مۇكاپات چىققان نومۇر خانە سانى بويىچە ئوخشاش بولسا، «تولۇق چىقىش» بويىچە مۇكاپات چىققان بولىدۇ، مەسىلەن، دو تىكىلگەن نومۇر «123» بولغان بولسا، مۇكاپات چىققان نومۇرمۇ «123» بولسا، مۇكاپات چىققان بولىدۇ؛ يەككە مۇكاپات سوممىسى 606 يۈەن بولىدۇ. ئەگەر دو تىكىلگەن ئۈچ خانىلىق نومۇر ئوخشاش بولمىسا ھەمدە دو تىكىلگەن نومۇر بىلەن شۇ قاراردا مۇكاپات چىققان نومۇر ئوخشاش بولۇپ تەرتىپى ئوخشاش بولمىسا، «گۇرۇپپىلىنىپ چىقىش» بويىچە مۇكاپات چىققان بولىدۇ، مەسىلەن، دو تىكىلگەن نومۇر «123» بولغان بولسا، مۇكاپات چىققان نومۇر «132»، «213»، «231»، «312»، «321» نىڭ خالىغان بىرى بولسا، مۇكاپات چىققان بولىدۇ؛ يەككە مۇكاپات سوممىسى 86 يۈەن بولىدۇ.
    7. ئوخشاش ئۈچ نومۇرغا دو تىكىش دېگەن نېمە؟ مۇكاپات چىقىش شەرتى قانداق؟ مۇكاپات سوممىسى قانچە؟
    جاۋاب: ئوخشاش ئۈچ نومۇرغا دو تىكىش دېگىنىمىز، ئوخشاش ئۈچ نومۇرنىڭ ھەممىسىگە دو تىكىشنى كۆرسىتىدۇ؛ مۇكاپات چىقىش شەرتى: مۇكاپات چىققان نومۇر قۇتنومۇر بولسىلا، مۇكاپات چىققان بولىدۇ، مەسىلەن، شۇ قاراردا مۇكاپات چىققان نومۇر 000 دىن 999 غىچە بولغان قۇتنومۇرنىڭ خالىغان بىرى بولسىلا، مۇكاپات چىققان بولىدۇ؛ يەككە مۇكاپات سوممىسى 104 يۈەن بولىدۇ

    مەنبەسى :پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىم 134 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • رەقەملىك ئويۇنلارنىڭ كۆپ قارار دو تىكىش ئىقتىدارى يولغا قۇيۇلدى

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قاچان ؟

    1970-01-01 08:00

  • ئەنگىلىيە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سېمىزلەرنى ئۆيدىن چىققۇزماسلىقنى پىلانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • مادىرىد ئاتلىتكا كوماندىسىدىن ئىككەيلەن تاجىسىمان ۋېرۇس بىلەن يۇقۇملاندى

    1970-01-01 08:00

  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00