• مايۈن پو ئاتمىدى ، تور سودىسى بارغانسىرى شاللانماقتا، دىققەت قىلىڭ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • مايۈن پو ئاتمىدى ، تور سودىسى بارغانسىرى شاللانماقتا، دىققەت قىلىڭ

    پەن -تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئالاقە تورىنى ئاساس قىلغان كەسىپلەرمۇ ئۈزلۈكسىز گۈللەنمەكتە، مەسىلەن، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى ھازىر يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ. ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن ئېلىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ، ئۇ قۇرغان ئەلى بابا ھازىر ئېلىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ ئالاقە تورى شىركىتى بولۇپ قالدى.

    بۇنىڭ ئىچىدە تور سودا سارىيى كەسپى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ئۇنىڭ شەرتى تۆۋەن، ئوقۇش تارىخى خىزمىتى ھاجەتسىز، پۇل تېپىشمۇ ئاز ئەمەس، نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ھازىرقى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى.

     

    ئەمەلىيەتتە، ئېلېكترونلۇق سودا ئەسلىدىنلا ئەنئەنىۋى سودا ئەندىزىسى بىلەن ئالاقە تورىنىڭ ھاسىلاتى. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ما يۈن كەلگۈسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھازىرمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق، كىشىلەر ئىنتېرنېت تورى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بەھرىمەن بولماقتا، ھازىر توردىن نەرسە سېتىۋېلىش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى دائىملىق ئىش بولۇپ قالدى. ھازىر كىشىلەر توردىن مال سېتىۋېلىشتىن تەدرىجىي ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى ئەمەلىي دۇكاننىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتتى، بۇمۇ ما يۈننىڭ ئىلگىرى ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىسپاتلاپ بەردى بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل ئەنئەنىۋى سودا ئەندىزىسى بىلەن ئالاقە تورىنى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسى بارغانسېرى ئەقلىيلەشتى ۋە ئاممىۋىلاشتى.

    بىراق ئىلگىرى، ما يۈن ئالى يۈنشى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم يېڭى بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا پەقەت 20-30 يىل بولغانلىقىنى، كەلگۈسى 10 يىلدا ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭمۇ شاللىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، يېڭى پارچە سېتىش ئەندىزىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ما يۈننىڭ بۇ يېڭى ئۇقۇمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا زاۋۇتلىرى يېڭى پارچە سېتىش كەسپىگە يۆتكەلدى.

    بۇ يېڭى پارچە سېتىش كەسپى توردىكى بازار ۋە يوللار پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى قوش يۆنىلىشلىك بىرلەشمە ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، سېتىشتىن ئىبارەت پۈتكۈل جەريانىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك دەرىجە ئۆستۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق خېرىدارلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئورنىنى توغرا بەلگىلىگىلى بولىدۇ، يەنە خېرىدارلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى مال سېتىۋېلىشىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

    بۇ خىل يېڭى پارچە سېتىش شەكلى ئېكولوگىيىلىك تىپ، چېگرىسىز تىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىپ ۋە ھېس قىلىش شەكلى قاتارلىق ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ھەممىنى بىر گەۋدىلەشتۈرىدۇ، يەنە چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، پۈتكۈل جەرياننى بىرلەشتۈرىدۇ.

    بۇ يىل يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن، بۇ خىل يېڭىچە پارچە سېتىش ئۇسۇلى ئەكسىچە بۇ يىلقى ئەڭ ئەۋزەل كەسىپكە ئايلاندى، نۇرغۇن ئەمەلىي دۇكانلار يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالدى، ئەمما ئادەتتىكى توردا مال سېتىۋېلىشمۇ ئەشيا ئوبوروتى مەسىلىسى سەۋەبىدىن ۋاقتىدا مال ئەۋەتەلمەي، ماللار يىغىلىپ قېلىپ، نۇرغۇن زىيان كېلىپ چىقتى.

    بىراق دەسلەپتە بۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغىنى ما يۈن ئەمەس، بەلكى ليۇ چياڭدۇڭ، ئۇ ئادەتتىكى ئۇقۇمنى بۇزۇپ تاشلاپ، مال سېتىۋالغۇچىنىڭ دۇكاندىن مال ئېلىشى ناتايىن دەپ قاراپ، بۇ يەردىكى ئىسكىلاتتىن مال سېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى دۇكانغا يۆتكىيەلەيدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى مال سېتىۋالغانغا ئوخشاش تېز يوللانما تاپشۇرۇۋېلىشقا يەنە ئىككى، ئۈچ كۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، يەنە رازى بولماي، ئۇياق-بۇياققا ھەپىلىشىپ، نۇرغۇن ئابونتلارنى ئاۋارىچىلىق ھېس قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    ھازىر جىڭدۇڭ بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا باشلىدى، ما يۈن بالدۇرلا ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يەتكەچكە، بالدۇرلا دارۈنفانى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئاۋۋال باشلاش يولى قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەلى بابا يەنە ليەنخۇا تاللا بازىرىغا پاي قوشۇپ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇشنى ئويلىدى، ھازىر يېڭى پارچە سېتىش كەسپى ئاستا-ئاستا گۈللىنىشكە باشلىدى.

    ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا يېڭى پارچە سېتىشنىڭ ئىستىقبالى يەنىلا ياخشى.  شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ، يېقىن كەلگۈسىدە ، كۆپچىلىكنى مال سېتىۋېلىش تۇرمۇشى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ . بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ، كۆز قارىشىڭىزنى دەپ بېقىڭ .

    مەنبەسى :تېڭشۈن





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىم 134 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • رەقەملىك ئويۇنلارنىڭ كۆپ قارار دو تىكىش ئىقتىدارى يولغا قۇيۇلدى

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قاچان ؟

    1970-01-01 08:00

  • ئەنگىلىيە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سېمىزلەرنى ئۆيدىن چىققۇزماسلىقنى پىلانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • مادىرىد ئاتلىتكا كوماندىسىدىن ئىككەيلەن تاجىسىمان ۋېرۇس بىلەن يۇقۇملاندى

    1970-01-01 08:00

  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00