• سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن | يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چاقناۋاتقان پىدائىيلار

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن | يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چاقناۋاتقان پىدائىيلار

    7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى شىمىگو رايونى جېنئەن كوچىسى شەنرۇن مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرگە زاكاز قىلىنغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

    7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كۇەنبېي كوچىسى مەھەللىسىدىكى پىدائىي ئەخمەت ئەلى ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بولغاندا، چېچى ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەنىدى.(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

    7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمگو رايونى شىنمىن يولى كوچا باشقارمىسى يىنخې مەھەللىسىدىكى پىدائىي ليۇ پىڭ(سولدا) ئوغلى بىلەن بىللە ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)
    7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى يىڭبىڭ يولى لۇجىن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئاھالىلەرنىڭ توك كارتىسىغا پۇل قاچىلاپ بەرمەكتە.(لېي رۈنفەن فوتوسى)
    7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تودۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى كېپېڭ يولى شىمالىي مەھەللىسىدىكى پىدائىي چۇ جۈن ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا.(دۇ يۈجېنفوتوسى)
     
    7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سۈيچۇەن يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسىدا، پىدائىي ما چياڭ ئاھالىلەرگە كۆكتات تەييارلىماقتا.(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

    7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولى تەۋەلىك رايونى جۇڭۋەن كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسى جىنكۇن ئولتۇراق رايونىدا، داشۆسېڭ پىدائىي سۇ شۈن(سولدا) سەپداشلىرى بىلەن بىللە ئاھالىلەرگە قوغۇن ئەكىرىپ بەرمەكتە.(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

            شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى:(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۈنخۇا)يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىس-تۈتەكسىز جېڭىدە، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلىدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى، يەنە پىدائىيلار مىننەتسىز ئەجىر قىلدى.

      بۇ، تەر تامچىلىرىدىن پۈتكەن بىر بۆلەك يول، شۇنداقلا مۇھەببەت ۋە ئۈمىد چېچىلغان يول. ئۇلار ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى سەۋرچانلىق بىلەن تەپسىلىي خاتىرىلەپ، نەچچە ئون مىڭ قەدەم تاشلاپ، ئاھالىلەرگە كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بەردى؛ ئۇلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى زېرىكمەي-تېرىكمەي تەشۋىق قىلدى. ھاردىم-تالدىم دېمەي تازىلىق قىلدى، دېزېنفېكسىيە قىلدى، ئورۇندۇققا يۆلىنپلا ئۇخلاپ قالىدىغان كۆرۈنۈشلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈردى؛ پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، ئۇلار ئاغرىقنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ غەم -ئەندىشىسىگە قۇلاق سېلىپ، كەسپىي بىلىمى ۋە باھار شامىلىدەك ئىللىق، سىلىق-سىپايە سۆزلىرى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قارا بۇلۇتنى تاراتتى...

        ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر ئىسمى بار —— پىدائىي.  

    مەنبەسى :تيانشان تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىم 134 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • رەقەملىك ئويۇنلارنىڭ كۆپ قارار دو تىكىش ئىقتىدارى يولغا قۇيۇلدى

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قاچان ؟

    1970-01-01 08:00

  • ئەنگىلىيە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سېمىزلەرنى ئۆيدىن چىققۇزماسلىقنى پىلانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • مادىرىد ئاتلىتكا كوماندىسىدىن ئىككەيلەن تاجىسىمان ۋېرۇس بىلەن يۇقۇملاندى

    1970-01-01 08:00

  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00