ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

مانچېستېر شەھىرى 0:3 بىرمىڭھام

发表时间:2021-01-11 12:59作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچىيۇدى

640-24.gif640-59.png



بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:30دىكى ئېنگلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى 3-ئايلانمىسىدا، مانچېستېر شەھىرى ساھىبخان مەيداندا بىرمىڭھام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا مانچېستېر شەھىرىدىن بېرناردو سىلۋا ئىككى توپ، فودېن بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا ماھرېز كىرگۈزگەن توپ ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلدى، ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرى 3-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

مۇسابىقىنىڭ 7-مىنۇتىدا مانچېستېر شەھىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، بېرناردو سىلۋا بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 14-مىنۇتىدا مانچېستېر شەھىرى نومۇر پەرىقىنى چوڭلاتتى، بېرناردو سىلۋا بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 32-مىنۇتىدا مانچېستېر شەھىرى يەنە توپ كىرگۈزدى، ماھرېز پاس چىقىرىپ فودېن بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 3-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

مۇسابىقىنىڭ 55-مىنۇتىدا خېسۇس تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 61-مىنۇتىدا ماھرېز بىر توپ كىرگۈزدى، لېكىن ئۇ ئورۇن ھالقىغاچقا بۇ توپ ئىناۋتسىز قىلىۋېتىلدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، مانچېستېر شەھىرى 3-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟


分享到: