ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئامەتلىك لاتارىيەچى 3D ئويۇنىدا 20800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-06-23 15:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

جۇ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىزچىل لاتارىيە سېتىۋېلىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن، ۋاقتى بولسىلا يۆنىلىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى مۇكاپات نومۇرىنى مۆلچەرلەيدۇ، لاتارىيە سېتىۋېلىش ئاللىقاچان ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان، مۇكاپات چىقمىسىمۇ مەيلى، تۇرمۇشتا ھامان ئۈمىد كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ، خۇددى ما يۈن ئىلگىرى ئېيتقاندەك، « ئارزۇ چۇقۇم بار بولىشى كېرەك، ناۋادا ئەمەلگە ئېشىپ قالسىچۇ؟»-دېدى.

201 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، جوۋ ئەپەندى ئۆتكەن قارارلاردىكى 3D ئويۇن تارىخىدىكى مۇكاپات نومۇرىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، ئۈچ دو يەككە نومۇرى 567، 369 ۋە 258 نى ئانالىز قىلىپ چىقتى ھەم بۇ ئۈچ دو نومۇرىنى 20 ھەسسە تاللاپ دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇنى 2021144 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى 258 بولدى، جۇ ئەپەندى دو تىككەن 20 ھەسسە 258 گە مۇكاپات چىققان بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى 20800 يۈەن بولدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن جۇ ئەپەندىنىڭ خىزمەتنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەتىسى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ قولىغا ئالدى.

مۇكاپات ئالغاندا، جۇ ئەپەندىنىڭ چىرايىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە ئەڭ ئاساسلىقى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش مۇھىم رول ئوينىدى، چۈنكى جاھىللارنىڭ ھامان بىر كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بەرداشلىق بېرىشنىڭ بۇنداق تېز نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.»-دېدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نومۇرنى تاللاش سىرى تىلغا ئېلىنغاندا، جوۋ ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: مەن ئىزچىل ئەڭ ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئويۇن دەل 3D ئويۇنى، ئۇنىڭ قارىشىچە 3D ئويۇنى كۈندە مۇكاپات ئېچىلدىغان بۇلۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشسىمۇ باج تۆلىمەيدۇ، ئەگەر ھەسسىلەپ تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بەلكىم ئويلاپ باقمىغان كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بوش ۋاقىتلاردا جۇ ئەپەندى ھەمىشە 3D ئويۇنىنىڭ تارىخىي مۇكاپات نومۇرلىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاندىن سەزگۈ ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسەن بىر قانچە دو نومۇرنى تاللاپ ھەسسىلەپ دو تىكىدۇ، ئەگەر نومۇرى توغرا بولسا، نەتىجىسى يەنىلا يامان ئەمەس بولىدۇ.

(سانجى فېڭرۇي)

2.png

分享到: