ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

كۈنەس ناھىيەسىدىكى ۋاڭ خانىم 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-22 14:45作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا، كۈنەس ناھىيەسىدىكى ۋاڭ خانىم خۇشال ھالدا ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى قولىغا ئالدى. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش تىلغا ئېلىنسىلا، ۋاڭ خانىم «بەك ئۇدۇل كېلىپ قالدى» دەيدۇ، مۇكاپات چىققان شۇ كۈنى ۋاڭ خانىم بالىسىغا بىر كىشىلىك توخۇ قوۋۇرغىسى ئېلىپ بېرىش سەۋەبلىك ئۈچۈن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنىدى.

ۋاڭ خانىم پاراۋانلىق لاتارىيەسى ھەۋەسكارى بولۇپ، لاتارىيە سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان، ئاساسلىقى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىنى ئاساس قىلىدۇ، بەزىدە « قوش رەڭلىك توپ» ، 3D ئويۇن لاتارىيەسى سېتىۋالىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردىقىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، بۇ لاتارىيە ئويۇنى دەرھال مۇكاپات چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ، كەسكىن ھەم چاققان بولۇپ، مۇكاپات ۋاقتىنى ساقلىمىساقمۇ بولىدۇ.

3- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ خانىم ئىشتىن چۈشۈپ كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىغا كېلىپ، توققۇز ياشلىق قىزىغا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان توخۇ قوۋۇرغىسى سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەتمەكچى بولدى، شۇ چاغدا دۇكاندا ئادەم بەك كۆپ ئىدى، ئۇ بەكلا زېرىكىپ كەتكەچكە، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە تور نۇقتىسىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەكچى بولدى. ۋاڭ خانىم تور نۇقتىسىغا بېرىپ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، بېلەت كۆرسىتىش قۇتىسى ئىچىدىكى بېلەت تۈرىنى كۆرۈپ چىقتى، ئالدى بىلەن قىممىتى بەش يۈەنلىك بېلەتتىن ئۈچنى تاللاپ، قىرىپ چىقتى لىكىن مۇكاپات چىقمىدى، ئارقىدىنلا ۋاڭ خانىم قىممىتى 50 يۈەنلىك « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بىلىتىدىن بىر پارچە تاللىدى، ئويلىمىغان يەردىن ۋاڭ خانىم 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەر ھەۋەس بىلەن قاراشتى.

مۇشۇنداق مول نەتىجىگە ئېرىشكەن ۋاڭ خانىم ھاياجانلانغان ھالدا:« گەرچە مېنىڭ ئىزچىل كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئارزۇيۇم بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۈننىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، مۇكاپات پۇلىنى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا ئىشلىتىمەن!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

分享到: