ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

بالوننىڭ بىسىمى ۋە نورمال ھالەت

发表时间:2021-03-17 19:04作者:ئەلكۈيى来源:سىنا

640-24.gif640-59.png


ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇملىشىشى تۇرمۇشىمىزغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە نۇرغۇن خەۋپ-خەتەرلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە، نۇرغۇن رايونلاردا قاتناش توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت. مۇشۇنداق مۇرەككەپ مۇھىتتا ماشىنا ھەيدەلگەچكە، قاتناش ھادىسىسى بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا ماشىنا ھەيدىگەندە چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ ئەھۋالىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك، بولۇپمۇ ماشىنىنىڭ چاقىنى. چۈنكى بالون كاۋچۇكتىن ياسالغان، ئادەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدىمۇ ناھايىتى چوڭ ئۇپراش يۈز بېرىدۇ، ئەگەر ئۇپراش بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە ئاسانلا بالون ئېتىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، بالوننىڭ ئۇپراش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپلا قالماي بالوننىڭ بېسىمىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى بالون بېسىمى ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم.

بالوننىڭ بېسىمى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بالوننىڭ ئاسانلا ئېتىلىپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر بالوننىڭ بېسىمى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە، بالوننىڭ ئۇپراش دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنىلا بالوننىڭ ئېتىلىپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بالوننى چوقۇم مۇۋاپىق بېسىمغا تەڭشەپ قويۇش كېرەك، بولمىسا بالوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، نۇرغۇن ئادەم بالوننىڭ بېسىمىنى 2.5كە تەڭشەيدۇ، بۇ سان ھەقىقەتەن مۇۋاپىقمۇ؟ ئۇنداقتا بالون بېسىمىنى قانچىلىك تەڭشىسە بىخەتەر بولىدۇ؟

4S دۇكىنىدا ئاپتوموبىلنى ئاسراش قىلغان ۋاقىتتا بالوننى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ باقىدۇ، بەزى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى 4S دۇكىنىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن بالوننىڭ بېسىمىنى قانچىلىك تەڭشىسە بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، بۇ چاغدا خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى 2.5كە تەڭشەلسە ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ دەيدۇ، ئەمما بۇ جاۋاب كەسپىي ئەمەس. بۈگۈن بىز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى، ئەمەلىيەتتە بالوننىڭ بېسىمىنى تەڭشەشتە مۇقىم سانلىق قىممەت يوق بولۇپ، ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىش كېرەك.

قىش ۋاقتىدا ھاۋا بىر قەدەر سوغۇق بولۇپ، يول يۈزىدە دائىم توڭلاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدا ئاپتوموبىل ئاسانلا تېيىلىپ كېتىدۇ، چاقنىڭ سۈركىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بالوننىڭ تېيىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئامال بار بالوننىڭ بېسىمىنى تۆۋەنرەك قىلىپ تەڭشەش كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئالدى چاق بىلەن ئارقا چاقنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئوخشىمىغاچقا ئالدى چاق بىلەن ئارقا چاققا ماس كېلىدىغان يەل بېسىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا قىش كۈنلىرى ئالدى بالوننى 2.2گە، ئارقا بالوننىڭ بېسىمىنى 4.4كە تەڭشىگەندە ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ.

ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا، ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىش ھادىسىسى سەۋەبىدىن بالوننىڭ بېسىمىمۇ بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا تومپىيىپ قالىدىغان ھەتتا چاقى ئېتىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، پېشقەدەم شوپۇرلار ياز كۈنلىرى بالوننىڭ بېسىمىنى 2.3 ئەتراپىغا تەڭشەيدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: