تۇنجى مەيدان ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيسى»نىڭ ئېنىق ۋاقتى ئېلان قىلىندى发表时间:2020-10-11 12:31来源:تېڭشۈن تورى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنى ئۇلاپ تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تۇنجى مەيدان «دۆلەت دېربىيسى»نىڭ ئېنىق ۋاقتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 22:00دە بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىدنى كۈتۈۋالىدۇ. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىككى قېتىملىق دۆلەت دېربىيسىدە،بارسېلونا ئالدى بىلەن ساھىبخان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە خانلىق مادرىد بىلەن تەڭلەشكەن، خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلغان. |