مېسسى: رونالدو بىلەن بولغان رىقابەت ئالاھىدە ، ، ئۇنىڭ تېزراق ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن发表时间:2020-10-23 12:59来源:جىبوبا تورى ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: كىرىستىيانو رونالدو بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى تەكشۈرۈشىدە مۇسبەت چىققان بولۇپ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بارسېلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىگە چىقالامدۇ يوق ئېنىق ئەمەس، ئەمما مېسسى DAZN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ كونا رەقىبىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: رونالدو بىلەن بولغان مۇسابىقە ئىلگىرى، ھازىرمۇ ئالاھىدە مۇسابىقە ، بۇ مۇسابىقىلەر مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقە نەچچە يىل داۋاملاشتى، بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەنى شۇنچە ئۇزۇن ساقلاپ مېڭىش ئاسان ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ كوماندىمۇ ناھايىتى قالتىس ئىدى، خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونا، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى كۇلۇب. كۆپ يىللاردىن بۇيان ئادىل رىقابەتلىشىپ كەلدى، بۇ رىقابەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. مەن بىلەن رونالدو ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىمۇ شەخسى جەھەتتىن قالتىس بولدى، مېنىڭچە كۆپچىلىكمۇ بۇ رىقابەتنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. » دېدى. روشەنكى، كىرىستىيانو رونالدو تېخى خانلىق مادرىدتىكى ۋاقتىدا، مۇسابىقە ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇلار بىلەن بولغان مۇسابىقە ھەمىشە مۇشۇنداق ئالاھىدە بولاتتى. ئەمما رونالدو مەيداندا بولغاندا، ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆز ئالدىمىزدىكى خىرىسنى كۈتۈۋاتىمىز. كېلەر چارشەنبە كۈنى مۇشۇنداق رىقابەت بولۇشى مۇمكىن. كېرىتىيانو رونالدونىڭ پات ئارىدا يېڭى تاجىسىمان ۋېروس يۇقۇمىدىن ساقىيىپ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |