ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

بارسېلونا توپچىلىرى ئىچكى قىسىمىدا پارچىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە

发表时间:2020-10-23 14:36作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بارسېلونا پىك، تېرستېگېن، دېيوڭ ۋە لېنگلېت قاتارلىق تۆت توپچى بىلەن توختام ئۇزارتقاندىن كېيىن، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، توپچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يىرىكلىشىشكە باشلىغان. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بارسېلونا پات ئارىدا يەنە بىر قېتىم توپچىلار بىلەن مائاش تۆۋەنلىتىش لايىھەسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىكەن.

ئەمەلىيەتتە بارسېلونا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە كۇلۇبنىڭ داۋاملىق مائاش تۆۋەنلىتىش لايىھەسىگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى مېسسى بولۇپ، گەرچە پىك قارشى تۇرۇش خېتىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۇلۇب بىلەن يېڭىدىن 2024-يىلىغىچە توختام ئۇزارتتى. ئالدىنقى ھەپتە بارسېلونا توپچىلارنىڭ %30 مائاش تۆۋەنلىتىشىنى تەلەپ قىلغاندا، بارسېلونا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە تېرستېگېن، دېيوڭ، لېنگلېت قاتارلىقلاردىن باشقا توپچىلار قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا كۆپىنچىسى مائاش تۆۋەنلىتىشكە قارشى تۇرۇش خېتىگە ئىمزا قويغان. يېقىندا بارسېلونانىڭ ئورگان تورىدا تۆت توپچى بىلەن توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، پىكمۇ كۇلۇبنىڭ بۇ لايىھەسىنى قوبۇل قىلغان.

ئىگىلىنىشچە، كوماندا باشلىقى مېسسى ئاللىقاچان ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ يۇقارقى توپچىلاردىن باشقا بارلىق توپچىلارنىڭ مائاش مەسىلىسى توغرىسىدا كۇلۇب بىلەن سۆھبەتلىشىشكە بۇيرۇغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا بارتومېئۇغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئىستاتېستىكا قىلىنىشچە، بارسېلونا جەمئىي 165 مىليون ياۋرو مائاش چىقىمىنى تىجەپ قالسا ئاندىن بۇ قېتىملىق قىيىنچىلىقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋالدا توپچىلارنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ توختامىنى ئۇزارتىش، شۇنداقلا ئۇلارغا كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى تەمىنات بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. لېكىن بۇ ئەھۋال بارسېلونانىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك رەئىسىگە زور ئاۋارچىلىق ۋە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ بارسېلونامۇ كەلگۈسىدىكى توپچىلار يۆتكىلىش بازىرىدا پاسسىپ ئەھۋالدا قالىدۇ.


分享到: