بارسېلونا دۆلەت دېربىيسىگە بۇ رېپىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن نارازى بولدى发表时间:2020-10-24 12:14来源:جىبوبا تورى ئىسپانىيە «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بارسېلونا تەرەپ ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مارتىنېز مۇنۇئېلانى ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسىنىڭ باش رېپىرى قىلىپ تاللىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋېتىپتۇ. چۈنكى بۇ رېپىر ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم بارسېلوناغا ئىنتايىن پايدىسىز ھۆكۈم چىقارغان. شەنبە كۈنى بارسېلونا خانلىق مادرىد بىلەن بولغان ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسىگە قاتنىشىدۇ. ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ۋالېنسىيادىن كەلگەن بىر ساقچىنى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ باش رېپىرى قىلىپ تاللىدى، بۇ مۇسابىقە بۇ 38 ياشلىق رېپىر پۈشتەك چالىدىغان تۇنجى مەيدان دۆلەت دېربىيسى. «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرىشىدىن بارسېلونا تەرەپ كۈچلۈك گۇمان ھېس قىلغان. بۇ مۇسابىقە ئىنتايىن مۇھىم، يېقىندا VAR ۋە جازالاش ئۆلچىمىنى چۆرىدىگەن تېمىلار ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە زور تالاش-تارتىش قوزغىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ رېپىرنىڭ بارسېلوناغا بىر نەچچە قېتىم پايدىسىز ھۆكۈم چىقىرىشتەك «جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى» بار. بۇنىڭ ئەكسىچە، مۇنۇئېلا پۈشتەك چالغان مۇسابىقىلەردە، خانلىق مادرىدنىڭ نەتىجىسى ئومۇمەن ياخشى بولغان. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدىكى خانلىق مادرىد بىلەن خانلىق جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، مۇنۇئېلا VAR ئۆيىنى كونترول قىلىۋېلىپ، نەتىجىدە ناھايتى چوڭ دە-تالاش پەيدا قىلدى. بۇ مۇسابىقىدە ۋىنىسىئۇس بىر گۇمانلىق نۇقتا توپقا ئېرىشتى، بېنزېما توپ كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن توپقا قولى تېگىپ كەتكەندەك بولدى، لېكىن كىرگەن توپ يەنىلا ئىناۋەتلىك بولىۋەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، جانۇزاينىڭ يىراقتىن ئۇرغان توپى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلدى. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى خانلىق مادرىد بىلەن سېۋىللا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە، سېۋىللادىكى لۇك دېيوڭ بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق VAR سىستېمىسى گۇدېلى ئاۋۋال قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، بۇ توپنى ئىناۋەتسىز قىلىۋەتتى. خانلىق مادرىد بىلەن گېتافىنىڭ مۇسابىقىسىدە، كارۋاخالنىڭ ئولىۋېيراغا قىلغان قائىدىگە خىلاپ ھەرىكىتى نۇقتا توپ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. لېكىن ئوخشاش قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت يۈز بەرگەندە، مۇنۇئېلا خانلىق مادرىدقا نوقتا توپ قويۇپ بەردى، ئارقىدىن راموس نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. ئاخىرىدا خانلىق مادرىد غەلىبە قىلدى. بارسېلونانىڭ گېپىگە كەلسەك، مۇنۇئېلا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى بارسېلونا بىلەن بىلباۋ ئاتلېتكا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان شاھلىق لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلغاندا، دېيوڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا توپقا ئېتىبارسىز قارىدى. ئۇ پۈشتەك چالغان بارسېلونا بىلەن ئوساسۇنانىڭ مۇسابىقىسىدە، ئۇ يەنە ئوساسۇناغا بىر نۇقتا توپ قويۇپ بېرىپ، بارسېلونانى غەلىبىدىن قۇرۇق قويدى. بۇ نۇقتا توپ ناھايتى گۇمانلىق بولۇپ، بارسېلونا توپچىلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولدى. «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، بارسېلونانىڭ دۆلەت دېربىيسگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان باش رېپىردىن خاتىرجەمسىزلىنىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. |