ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

تېباس: مېسسى ئايرىلىپ كەتسە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ئەمما شۆھرىتىگە داغ تەكك

发表时间:2020-10-24 13:20作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

248585259695996970.jpg

بىۋاستە تارقىتىش 10-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋىرى: ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تېباس فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مېسسىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن دېگەن تېمىدا توختالدى. تېباسنىڭ كۆرسىتىشىچە، بارسېلونادىن ئايرىلىش مېسسىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن، ھەمدە مېسسىدىن ئايرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئورنى ئانچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن.

« بىز شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئۇنىڭ ئويۇنىدىن ھۇزۇرلىنىپ كېلىۋاتىمىز، لېكىن مېسسى كېيىنكى ئىشلارنى ئىنچىكە ئويلىنىشى كېرەك، ئەگەر مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلسا، ئۇنىڭ ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتقان ياخشى ئىناۋىتى زور زىيانغا ئۇچرايدۇ. » دېدى.

ـــ توغرا، ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلىگە ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن مېنىڭچە ئۇ ئۆزىنىڭ 20 نەچچە يىللىق ئابرويىنى قەدىرلىشى كېرەك. » دېدى.

« ئەگەر مېسسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن ئايرىلسا، دراماتىك تەسىر پەيدا قىلمايدۇ، رونالدو بىلەن نېيمارمۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نېيمار پارىژ سانت گېرمانغا بارىدۇ، مەن فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئۇنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرمىدىم. » دېدى.

ـــ مانا بۇ رېئاللىق. مۇسابىقىگە توپچىلار ئېنىقلىما بەردى دەپ قارايدىغانلار خاتا، مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئويلىغانلىقىدىن بەك خۇشال، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسى تەرەققىي قىلىپ زورايمايدۇ. » دېدى.

640-42.png

来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:迪力夏提

640-529.jpeg

              www.alkuyi.com



分享到: