ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ماركا گېزىتى: مېسسى خانلىق مادرىدقا توپ كىرگۈزمىگىلى 900 كۈن بولدى

发表时间:2020-10-23 14:57作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى


بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 10 دا، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسى نوۋكېمپ توپ مەيدانىدا باشلىنىدۇ.

«ماركا گېزىتى» نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مېسسى خانلىق مادرىد بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ باقمىغىلى 900 كۈن بوپتۇ. مېسسى ئالدىنقى قېتىم خانلىق مادرىد بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن ۋاقىت 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى. ئۇ شۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ 52-مىنۇتىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىسىنى 1:2 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، مېسسى خانلىق مادرىد بىلەن بولغان بەش مەيدان مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى.


分享到: