ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

رونالدونىڭ بارسېلونا بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىشىدا ئۈمىد بار

发表时间:2020-10-23 18:07作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى

«مىلان تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدونىڭ ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا مۇسبەت بولۇپ، لېكىن ئۇ يەنىلا يۇۋېنتۇس بىلەن بارسېلونا ئوتتۇرىسىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

كرىستىيانو رونالدو دۆلەت كوماندىسىدا يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشكەندىن كېيىن تۇرىنغا قايتىپ تۇرىندىكى ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇردى، شۇنداقلا ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا مۇسبەت، ئەمما ئۇ بارسېلونا بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يۇۋېنتۇسنىڭ مۇسابىقىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن كرىستىيانو رونالدودا كېسەللىك ئالامىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئەمما كرىستىيانو رونالدو كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كرىستىيانو رونالدونىڭ بارسېلونا بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتى بار بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يۇۋېنتۇس ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە كرىستىيانو رونالدونىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى بارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى تاپشۇرغان بولۇپ، كرىستىيانو رونالدو بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە يېڭىدىن ۋىرۇس تەكشۈرتىدىكەن، ئەگەر نەتىجىسى مەنپىي بولسىلا ئايرىلىپ تۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كرىستىيانو رونالدو ھەپتە ئاخىرىدىكى ۋېرونا بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مۇسابىقىدىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتىشى كېرەك، نەتىجىسى مەنپىي بولغان ئەھۋالدىلا مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ.

تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، يۇۋېنتۇستىكى يەنە بىر يۇقۇملانغۇچى مىككېننىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقتى، ئەمدى ئايرىلىپ تۇرمىسىمۇ بولىدۇ.


分享到: