بۇ تۆت ئالامەت كۆرۈلسە دىققەت قىلىڭ发表时间:2020-10-29 14:24作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى ھەممىگە ئايان، ئىممۇنىتېت كۈچى ھەر بىرەيلەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر، ئۇ بەدىنىمىزنىڭ باكتېرىيەلەرنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، سالامەتلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. لېكىن ھازىر نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ. كۆپ ھاللاردا بەزىبىر ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىپ، زۇكام، يۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. خوش، ئۇنداقتا تۆۋەندە ئىممۇنىتېت كۈچى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ باقايلى. قايسى ئالامەتلەر ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ 1. ئاستا خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش دېگەندەك باشقا ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ. ئادەمنىڭ كۆپ قىسىم ئىممۇنىتېت سىستېما توقۇلمىلىرى ئاساسەن ئاشقازانغا جايلاشقان بولىدۇ. ئەگەر ئاشقازان-ئۈچەيدە بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىراۋدا پەيدا بولغان ئىچى سۈرۈشنى داۋالاش قېيىن، ھەمدە قايتا-قايتا قوزغالغالسا، ئۇ ھالدا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن. 2. دائىم زۇكام بولۇپلا قالماي، داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. قورامىغا يەتكەنلەر ھەر يىلى تەخمىنەن 2-3 قېتىمچە زۇكام بولىدۇ، شۇنداقلا ئادەتتە بىر ھەپتىگىچە ساقىيىپ قالىدۇ. ئەگەر دائىملا دېگۈدەك زۇكامداپ قالسا، ھەمدە داۋالاش دەۋرىيلىكى بىر قەدەر ئۇزۇن بولسا، ئۇنداقتا بۇ زۇكامنى بەلكىم بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا ئۆز سالامەتلىكى ئۈچۈن، يەنىلا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. 3. دەم ئېلىش ۋاقتى قانۇنىيەتلىك بولماي، دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن مۇددەت سەككىز سائەتكە توشمىسا، ئۇھالدا بەدەننىڭ ئىممۇنت كۈچى چوقۇم بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنى قارا پىگمېنت ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ قارا پىگمېنت ئادەمنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى قويۇپ بېرىپ، كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنى توسۇيدۇ. 4. زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالىدۇ. مۇبادا كىشى ئۆزىنى ئۇزاق مۇددەت تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتتا تۇرىدىغانلىقىنى بايقىسا، ئۇ ھالدا بۇنى بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا بېسىم ئۇزاققىچە سىرتقا چىقىرىلمىسا، ئېنىقلا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەندە قانداق تەڭشەش لازىم؟ 1. روھىي ھالەتنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇش لازىم. بېسىمغا يۈزلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەل روھىي ھالەتنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇپ ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشتۇر. مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېسىمنى تۈگىتىپ، ناچار كەيپىياتنىڭ سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن، دالا سەيلىسى قىلىش، تاغقا يامىشىش، تەنھەرىكەت قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق كەيپىياتنى ئارام ئالدۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم. 2. يېمەك–ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش لازىم. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ساغلام، مۇۋاپىق بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش سالامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىقتۇر. سۇيۇق-سەلەڭ، گۆشلۈك-گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئېستىمال قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ۋىتامىن ۋە ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندىلا، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 3. يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۇزاق مۇددەت تۈنەش سالامەتلىككە بەك زىيانلىقتۇر. تۇرمۇشتا ياخشى بولغان مەشغۇلات ئادىتى يېتىلدۈرۈش، يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، باكتېرىيەنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تەن ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك. 4. چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم. ھەر كۈنى بەلگىلىك ھەرىكەت مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بەدەندىكى تۈرلۈك ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىنى ساقلاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېنىقىشمۇ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا، ئاندىن بەدەننىڭ ساغلام ھاياتىي كۈچىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. |