ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

تىرامپ: زۇڭتۇڭنى قانۇن بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەمەس!

发表时间:2020-11-08 14:20作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى

ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتە، ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بايدېننىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا 20 سايلام بېلىتىگە ئېرىشىپ، غەلىبە قىلىشقا كېرەكلىك 270 بېلەت بىلەن تىرامپنى مەغلۇپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 46-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن جاكارلىدى.


سۈرەتتە: CNN ئالدى بىلەن بايدېننىڭ غەلىبە قىلغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلدى.
كۆپلىگەن تاراتقۇلار بۇ بېلەت نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بايدېن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئۇچۇرىنى « زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان» دەپ ئۆزگەرتتى ھەمدە ھۆججەت چىقىرىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۆزىنى بۇ ئۇلۇغ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىشقا تاللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: «بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ۋەزىپە مۈشكۈل، لېكىن مەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، مەن بارلىق ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان زۇڭتۇڭ بولىمەن، مەيلى سىلەر ماڭا بېلەت تاشلاڭلار ياكى تاشلىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىڭلارنى يەردە قويمايمەن».

سۈرەتتكىسى بايدېننىڭ باياناتىنىڭ كەسمە يۈز سۈرىتى.


سۈرەتتە:11-ئاينىڭ 7-كۈنى تاراتقۇلار بايدېننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى، بۇ چاغدا تىرامپ فوگىنىيە ئىشتاتىنىڭ توپ مەيدانىدا گولف توپ ئويناۋاتاتتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىرامپ بايدېننىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، فوگىنىيە ئىشتاتىتىنىڭ توپ مەيدانىدا گولف توپ ئويناۋاتقان ئىكەن. ئۇ دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ نەتىجىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بايدېن «يالغان غەلىبە قىلغۇچى» بولۇشقا ئالدىراۋاتىدۇ، دېدى.
تىرامپ يەنە «بىز بايدېننىڭ نېمە ئۈچۈن غەلىبە قىلغۇچى قىياپىتىگە كىرىۋالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا شۇنچە تىرىشىپ ياردەم قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز، ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمايدۇ. ئەمەلىيەت ناھايىتى ئاددىي، بۇ قېتىمقى سايلام تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق. بايدېننى تېخى ھېچقانداق ئىشتات غەلىبە قىلغۇچى دەپ ئېلان قىلمىدى، رىقابەت كەسكىن بولغان بەزى ئىشتاتلار يەنە قايتىدىن بېلەت ھېسابلايدۇ. يەنە بەزى ئىشتاتلاردا بىزنىڭ سايلام كوللېكتىپىمىزمۇ مۇۋاپىق بولغان قانۇن رىقابىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇ بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە قىلغۇچىنى بەلگىلىشى مۇمكىن» دېدى.

تىرامپ باياناتىدا يەنە مۇنداق دەپ يازدى: «پەقەت قانۇنلۇق سايلام بېلىتىلا كىمنىڭ زۇڭتۇڭ ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەمەس».


سۈرەتتىكى تىرامپنىڭ باياناتىنىڭ كەسمە يۈز سۈرىتى. ئۇ بايدېننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى.
بايدېېننىڭ غەلىبە خەۋىرى تېخى ئېلان قىلىنماستىلا تىرامپ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ سايلامدا غەلىبە قىلدىم، چوڭ ۋە ئالاھىدە غەلىبىگە ئېرىشتىم!». لېكىن ناھايىتى تېزلا تاراتقۇلار بۇ سۆزنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ بەلگە قويغان. تىرامپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ كوللېكتىپى كېلەر دۈشەنبىدىن باشلاپ سوتقا ئەرز قىلىپ، سايلام جەريانىنىڭ سايلام قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
7-چېسلا چۈشتىن كېيىن، تىرامپ گولف توپ مەيدانىدىن ئاق سارايغا قايتىپ كەلدى. ئىگىلىنىشىچە، ترامپنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئاقساراي ئەتراپىدىكى مەيدانغا كەلگەندە، بىر توپ ئادەم تىرامپنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى «تەبرىكلەپ»، «مەغلۇبىيەتچىلەر!!» دەپ ۋارقىرىغان.


سۈرەتتە: 7-چېسلا چۈشتىن كېيىن تىرامپ گولف توپ ئويناپ بولۇپ، روھسىز ھالدا ئاقسارايغا قايتتى.


分享到: