WEYنىڭ يىڭى نۇسقىسى بازارغا سىلىندى发表时间:2020-12-18 11:32来源:汽车之家 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى WEY ماركىسى قارمىقىدىكى ئەڭ يېڭى ئىخچام تىپلىق SUV ئاپتوموبىل تانكا 300 رەسمىي بازارغا سېلىندى، يېڭى ئاپتوموبىل جەمئىي ئۈچ خىل سەپلىمىلىك تىپتا چىقىرىلغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى دائىرىسى 175 مىڭ 800 يۈەندىن 213 مىڭ 800 يۈەنگىچە. يېڭى ئاپتوموبىل «تانكا-WEY» سۇپىسى ئاساسىدا ياسالغان، يۈكلىمىسىز گەۋدە لايىھەسىدە، پۈتكۈل ياسىلىش شەكلى ئىنتايىن مەردانە، خاسلاشقان. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ پۈتكۈل گەۋدىسىدە ئەڭ يېڭى لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان، كۆرۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن مەردانە، زەربەدەست. كونكرېت قارىغاندا، تانكا 300نىڭ ئالدى يۈزىدە يۇمىلاق بۇلۇڭغا يۈزلەنگەن تراپېتسىيە شەكىللىك ئالدى سالاسۇن قوللىنىلغان. ماتور قاپقىقىدا كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقلار بۇ ئاپتوموبىلنىڭ كۈچ تۈسىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4760/1930/1927mm، ئوق ئارىلىقى 2750mm. يان تەرەپتىن قارىغاندا، پۈتكۈل گەۋدىسىدە قاپ گەۋدە لايىھەسى قوللىنىلغان، نۆۋەتتىكى كۆپ خىل مەردانە دالا SUVلار بىلەن ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدۇ. قۇيرۇق قىسىمىدىن قارىغاندا، چاسا گەۋدىسىگە ئالدى-ئارقا كۆپۈنكى چاق قېشى ھەمدە تولۇق رازمېرلىق سىرتقا ئاسما شەكلىدىكى زاپاس چاق ماسلاشتۇرۇلغان، كۆرۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن مەردانە. قۇيرۇق ئىشىك سول تەرىپىدىكى تىك ئىشىك تۇتقۇچىمۇ تەپسىلاتتا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ خاسلاشقان ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرگەن. WEY تانكا 300نىڭ ئىچكى بېزەك لايىھە ئىدىيەسى قاتتىق قول دالا ئۇسلۇبىغا ئەمەل قىلغان، چوڭ يۈزلۈك چاسا تىك گەۋدە سىزىقلار يۇمىلاق تەتۈر بۇلۇڭغا ماسلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭدىن سىرت، يۇمىلاق ھاۋا تەڭشىگۈچ شامال چىقىش ئېغىزى ۋە يۇمىلاق شەكىللىك ئىقتىدار بۇرىغۇچلىرىمۇ رومبىسىمان تىكىش سىزىقىدىكى بېزەك تاختىغا ماسلاشتۇرۇلغان. يەنە 12.3 ديۇملۇق قوش تۇتاش ئېكران، قوش تېمپراتۇرا ئاپتوماتىك ھاۋا تەڭشىگۈچ، تېمپراتۇرا رايون ئايرىپ كونترول قىلىش، ACC پۈتۈن سۈرئەتتە ئۆز ماسلاشما يول يۈرۈش، AEB ئاپتوماتىك جىددىي تورمۇز، LKA ماشىنا يولىدا ساقلاش، ELK جىددىي ماشىنا يولىدا ساقلاش، IACC ئەقلىي سۈرئەت ياردەمچىسى، LCK ماشىنىنى يول ئوتتۇرىسىدا ساقلاش قاتارلىق ئەقلىي ھەيدەش ياردەمچى سىستېمىسى، پۈتۈن تەسۋىر قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن. ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە يېڭى ئاپتوموبىلغا 2.0Tلىق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 227 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 387 نيۇتون مېتىر، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 387 نيۇتون مېتىر، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىدا سەككىز خوتلۇق ئاپتوماتىك تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تانكا 300 ئاپتوموبىلغا بورگۋارنېرنىڭ تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى سەپلەنگەن، كۆپ خىل ھەيدەش ئەندىزىسىگە ئىگە. |