ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا نورمال روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك

发表时间:2020-12-23 13:58作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

لاتارىيە سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئاددىي ھەم كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ، يەنە بىر قىسىم لاتارىيەچىلەر ئۆزى تاللىغان نومۇرنىڭ سىستېما ئىختىيارىي تەقسىم قىلغان نومۇرغا قارىغاندا مۇكاپات چىقىش نىسبىتى يۇقىرى دەپ قارايدۇ، ئۆزى تاللىغان نومۇرغا مۇكاپات چىقسا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى خۇشاللىق ۋە ئىشەنچمۇ ئاپتوماتىك تاللىغان نومۇردىن زور دەرىجىدە چوڭ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. پاراۋانلىق لاتارىيەسى قوش رەڭلىك توپ 2020113-قاراردا، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر لاتارىيەچى ئۆزى تاللىغان «4 + 10» تەكرار نومۇرىغا تايىنىپ، 5 دو 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 65 دو 4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 10 دو 5-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 110 دو 6-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 31050 يۈەن بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى شيا ئەپەندى ئىككى يىل ئىلگىرى دوستى «تونۇشتۇرغان» سەۋەبلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن «تۇنۇشقان» ، چۈنكى لاتارىيە سېتىۋالسا جامائەت پاراۋانلىقى قىلغىلى بولىدۇ، ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققىلى بولىدۇ. دەسلەپتە شيا ئەپەندى بارلىق يېڭى لاتارىيەچىلەرگە ئوخشاش ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق لاتارىيە سېتىۋالاتتى، بىر مەزگىل چۈشىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۇ دادىللىق بىلەن تەكرار دو تىكىش ئۇسۇلى بىلەن لاتارىيە ئويناشنى تاللىدى ، چۈنكى كونا لاتارىيەچىنىڭ تەكرار دو تىكىشتە مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدى، شيا ئەپەندى ئۆزىنىڭ نەزىرى ئۆزگىچە بولغان ئاشۇ تەلەيلىك ئادەممۇ ياقمۇ بىلىپ باققۇسى بار ئىدى.

مۇكاپات نومۇرىنى بېكىتىش، ئاندىن ئۆزىنىڭ تەلەي سانىنى قوشۇش، يەنە بەزى ئېنىق بولمىغان بىۋاسىتە سېزىم ۋە ئالتىنچى سېزىمنى يەكۈنلەش، بۇلار شيا ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە خاس نومۇر تاللاش ئۇسۇلى ئىدى، بۇ خىل دو تىكىش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا بىر قانچە ئامەت ئېلىپ كەلدى. 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شيا ئەپەندى 65290131 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا مۇكاپات نومۇرىنى تەتقىق قىلدى، ئاندىن ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن بىر گۇرۇپپا «10 + 4» قايتىلانما نومۇرىنى يازدى، بېلەت كەسكەندىن كېيىن لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۆيىگە قايتتى. مۇكاپات ئېچىلغان كۈنى كەچتە، شيا ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئۈندىدار توپى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ، بىرىنچى بولۇپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۇ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، شيا ئەپەندى مۇنداق دېدى:«لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا نورمال روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك، مۇكاپاتقا ئېرىشمەسلىك ئادەتتىكى ئىش، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ئامەت ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىشەنچ تۇلۇپ تاشقان ۋاقىتتا كەسكىن قول سېلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا چوڭ مۇكاپاتنى قولدىن بېرىپ قويمايمىز.»-دېدى.

7.png

分享到: