ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ۋاكسىنا ئەملىنىشكە باشلىدى

发表时间:2020-12-23 16:15作者:天山网


دۆلىتىمىز بىر قىسىم نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار پېڭ يۈنجيا، مۇ تيېچېڭ) 12-ئاينىڭ 21-كۈنى گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى مەزگىلدە، دۆلىتىمىز بىر قىسىم ئىمپورت قىلىنغان سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش، پورتلاردا كارانتىن قىلىش، خام، يېڭى يېمەكلىكلەر بازىرى، قاتناش-تىرانسپورت، داۋالاش- كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە 15 خىل ۋاكسىنا كىلىنىكىلىق سىناققا كىرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەش خىل ۋاكسىنا 3-باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناققا كىرگەن، كىلىنىكىلىق سىناققا كىرگەن ۋاكسىنا دۆلىتىمىز ئورۇنلاشتۇرغان بارلىق تېخنىكا لىنىيەسىنى قاپلىغان.

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەخسۇس بەنى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تېببىي دورا - سەھىيە پەن-تېخنىكا تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ جۇڭۋېي مۇنداق دېدى: «پۈتۈن يەر شارى بويىچە، 3-باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناققا كىرگەن ۋاكسىنا بىزدە ئەڭ كۆپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشى پۈتۈن يەر شارى بويىچە بىرىنچى سەپتە تۇرىدۇ».

«دۆلىتىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بويىچە قانات يايدۇرغان 1-باسقۇچلۇق، 2-باسقۇچلۇق، 3-باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناققا ئاساسەن، ھەمدە دۆلىتىمىز قانات يايدۇرغان 1 مىليون قېتىمغا يېقىن ۋاكسىنىنى جىددىي ئەملەشتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئىنتايىن بىخەتەر بولغان.» جېڭ جۇڭۋېي مۇنداق بىلدۈردى: گەرچە بەزى يېنىك ئەكس تەسىرلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېغىر ئەكس تەسىر كۆرۈلمىدى.


分享到: