21-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى发表时间:2020-12-28 13:31来源:توۋتىياۋ بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، يەر شارى پۇتبول مۇكاپاتى 2020-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەرلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، كرىستىيانو رونالدونىڭ يەر شارى پۇتبول مۇكاپاتى 2001-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر «21-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، كرىستىيانو رونالدو بۇ قېتىملىق باھالاشتا رونالدىنھو، مېسسى ۋە سالاھ قاتارلىق رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ شەرەپكە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، كرىستىيانو رونالدو 2011-يىلى، 2014-يىلى، 2016-يىلى، 2017-يىلى، 2018-يىلى ۋە 2019-يىللىرى بولۇپ ئالتە قېتىم يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كرسىتىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدا لىسبون رىقابەت، مانچېستېر بىرلەشمىسى، خانلىق مادرىد ۋە يۇۋېنتۇس قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تېپىپ نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشكەن. 来源:爱酷艺网 监制:麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:阿海 |