ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى发表时间:2020-12-30 12:02来源:懂球帝 بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇمچىسى لېۋاندوۋىسكىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسى ياخشى بولدى. گەرچە يۇقۇم كىشىلەرگە قىيىنچىلىق ۋە قايغۇ ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېۋاندوۋىسكى بايرېن مىيۇنخېن ۋە پولشالىق پۇتبول مەستانىلىرىگە نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. ئۇ بۇ ھەپتە يەنە پولشا تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن «ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى» بولۇپ باھالانغان. باھالاش جەريانىدا، لېۋاندوۋىسكى ئەنگلىيەلىك F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىل ماھىرى لېۋىس خامىلتون، 21 ياشقا كىرگەن شۋېتسىيەلىك خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش ماھىرى دۇپلانتىس، سېربىيەلىك تېننىس توپ چولپىنى ديوكوۋىچ ۋە ئىسپانىيەلىك تېننىس توپ چولپىنى نادالنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ يىل لېۋاندوۋىسكى بىر-بىرلەپ كىرگۈزگەن توپلىرى بىلەن، بايرېن مىيۇنخېنغا ھەمدەم بولۇپ گېرمانىيە بىرلەشمىسى، گېرمانىيە لوڭقىسى، گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. يۇقارقىلاردىن باشقا لېۋاندوۋىسكى بۇ يىل يەنە 2020-يىللىق «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «فىرانسىيە پۇتبولى» ژورنىلى ئۇيۇشتۇرۇپ باھالىغان «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نامزاتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ يىل يۇقۇم سەۋەبىدىن «فىرانسىيە پۇتبولى» ژورنىلى ئاخىرىدا «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنى باھالاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 来源:爱酷艺网 监制:麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:阿海 www.alkuyi.com |