ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

قەيەردە بۇ ئاپتوموبىل ئەڭ ئەرزان؟

发表时间:2021-02-10 13:25作者:ئەلكۈيى来源:تىڭشۈن تورى

640-24.gif640-59.png


نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ بازارلىق توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ تېسلا ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ياۋروپادا تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىلىش چېمپىيونلۇقىنى ئالمىدى، چۈنكى ياۋروپا بازىرىدا تېسلا تولۇق ئىمپورت ئاپتوموبىل بولغانلىقى سەۋەبلىكتۇر.

يۇقىرى باج ھەمدە توشۇش تەننەرخى سەۋەبلىك، تېسلانىڭ باھاسىنى ياۋروپادىكى يەرلىك توكلۇق ئاپتوموبىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا بەك چوڭ باھا ئۈستۈنلىكى يوق.

ئەمما ئەگەر كېيىن گېرمانىيەدىكى تېسلا دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇتى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، تېسلانىڭ مال تاپشۇرۇش مىقدارى چوقۇملا شىددەت بىلەن ئاشىدۇ، سېتىش مىقدارىدا بىرىنچى بولۇش ئېھتىمال پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا بولۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە، تېسلانىڭ دۆلىتىمىزدا يولغا قويغىنى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن يېتەكچى باھا، ئەمما پۈتۈن دۇنيا بازىرىدا ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسى ۋە باج سىياسىتى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا تېسلانىڭ باھاسىمۇ دۇنيا بازىرىدا يۇقىرى-تۆۋەنلىك بار.

ئۇنداقتا، پۈتۈن دۇنيادا قايسى جايدا تېسلا ئەڭ ئەرزان؟ بەزىلەر بۇ مەسىلىگە قارىتا تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلغان.

تاراتقۇلار ئېلان قىلغان تېسلانىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى باھا جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، تېسلانىڭ نۆۋەتتە جەمئىي تۆت خىل ئاپتوموبىلى سېتىلىۋاتقان بولۇپ، Model 3، Model Y ھەمدە Model S ۋە Model X. ئايرىم-ئايرىم ھالدا دەسلەپكى دەرىجىلىك پىكاپ، SUV ھەمدە بايراقدار دەرىجىلىك پىكاپ ۋە SUV.

بۇنىڭدا، نۆۋەتتە جۇڭگو Model 3نىڭ سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت، بىرلا ۋاقىتتا Model 3 جۇڭگودا دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، سېتىلىش مىقدارىنىڭ كېڭىيىشى كۆلەم ئېففېكتى ئاتا قىلدى، بۇ سەۋەبلىك سېتىلىش باھاسى پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا رايون ۋە دۆلەتلەرگە قارىغاندا تۆۋەن. Model 3 ئەڭ ئەرزان دۆلەت جۇڭگو.

Model S بايراقدار پىكاپىنىڭ سېتىلىش باھاسى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت ئاممان، ئاممان غەربىي ئاسىياغا جايلاشقان، نېمە ئۈچۈن ئەرزانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن.

Model Y ۋە Model X ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش باھاسى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت بىردەك ئامېرىكا، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ يەرلىك ئىستېمالچىلىرىغا تېسلانىڭ نىسبەتەن كەڭ قورساقلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بىراق، كىشىنى ئازابلايدىغان رېئاللىق شۇكى، سېتىلىش باھاسى ئەڭ تۆۋىنى بولغان ئىكەن، چوقۇملا سېتىلىش باھاسى ئەڭ يۇقىرى جاي بار، مەيلى قايسى ئاپتوموبىل تىپى بولسۇن سىنگاپور تېسلا ئاپتوموبىلى ئەڭ قىممەت دۆلەت.

بۇنىڭدىن سىرت، قىزىقارلىق بولغىنى، نەچچە يىل ئىلگىرى بەزى ئىستېمالچىلار جۇڭگو شياڭگاڭدا 51 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا تېسلا Model S سېتىۋېلىپ سىنگاپورغا ئېلىپ بارغان.

ئەمما سىنگاپور ھۆكۈمىتىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش (CEVS) ئۆلچىمى تەكشۈرۈشىدە: Model S سىناق قىلىنغاندىن كېيىن «مۇھىتقا دوستانە بولمىغان ئاپتوموبىل» دەپ بېكىتىلگەن. بىرلا ۋاقىتتا، بۇ ئىستېمالچىغا يەنە 10 مىڭ 880 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 70 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا) جەرىمانە قويۇلغان.

بۇنىڭغا قارىتا سىنگاپور دائىرلىرى چۈشەنچە بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ئۆلچىمى توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىيات ئۆلچىمى ھەر Whتە 0.5 گىرام كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر ئىكەن.

بۇ توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ھېسابلاش ئۈچۈن بولۇپ، ئىشلەتكىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى، توك چىقىرىش جەريانىدا كاربون قويۇپ بېرىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، توكلۇق ئاپتوموبىلدا گەرچە توك ئىشلىتىلسىمۇ، پاكىز ئېنېرگىيەگە تەۋە بولسىمۇ، ئەمما توك چىقارغان ۋاقىتتا پەيدا قىلغان كاربون تۆت ئوكسىدمۇ توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىيات چىقىرىشى ھېسابلىنىدۇ.

تېسلانىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ توك سەرپىياتىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى بولۇشىنى بەلگىلىگەن، ئالماشتۇرۇپ ھېسابلىغاندا، تېسلانىڭ ھەر كىلومېتىردىكى كاربون تۆت ئوكسىد چىقىرىش مىقدارى 222 گىرام، ئېغىر بۇلغايدىغان ئاپتوموبىل تىپىغا تەۋە، شۇڭا ئېغىر جەرىمانە قويۇلغان.

ئەمەلىيەتتە، نۆۋەتتە تېسلا سىنگاپور ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەلىللىشىگە ئېرىشمىدى. ئەمما يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېسلا سىنگاپوردا ئاپتوموبىل سېتىش ئىجازىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

تېسلا سىنگاپور قۇرۇقلۇق ترانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش تەستىقىغا ئېرىشتى، بۇ سىنگاپور بازىرىغا ئومۇميۈزلۈك كىرىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قەدەم.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: