ئالما ۋە فوتو ئاپىرات发表时间:2021-02-14 11:23来源:توۋتىياۋ 2010-يىلى دۇنيادا رەقەملىك فوتو ئاپپاراتنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، جەمئىي 121 مىليون 460 مىڭ دانە سېتىلدى، ئەمما 2019-يىلىدىكى سېتىلىش مىقدارى 15 مىليون 210 مىڭغا تۆۋەنلىدى، 2020-يىلى فوتو ئاپپاراتنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاران سەككىز مىليون 880 مىڭ دانە بولدى. بۇ خەلقئارا فوتو-سۈرەت ئەسۋابلىرى سانائىتى ئۇيۇشمىسى (CIPA) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات. ئۇنداقتا فوتو ئاپپاراتنىڭ سېتىلىش مىقدارى نېمە ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى نەچچە كۈن بۇرۇن ئاخىرى ئاشكارىلاندى. يېقىندا مەلۇم بىر چەتئەللىك فوتوگراف فوتو ئاپپارات بىلەن iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى سېلىشتۇرۇلغان گرافىكنى ئىشلىگەن، بۇنىڭدىن بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى ئىكەنلىكى، iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاشسا، فوتو ئاپپاراتنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىستاتىستىكىدا 2010-يىلى فوتو ئاپپارات سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تېخى يانفوننىڭ ئۆزىگە رەقىب بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ iPhoneنىڭ كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەرگىز خىيالىغا كەلتۈرمىگەن. راست، 2011-يىللىرى ئەتراپىدا فوتو ئاپپارات ھەقىقەتەن ئىنتايىن مودا بولغان، كانون 5D2نى شۇ چاغدىكى تەڭداشسىز فوتو ئاپپارات دېيىشكە بولىدۇ. 2010-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان iPhone 4نىڭ ئارقا تەرىپىگە بەش مىليون پىكسېللىق iSight كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئاسمان زېمىن پەرقى بار. ئۇ چاغدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئەقلىيفون كامېراسىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. 2020-يىلغا كەلگەندە ئالما iPhone 12 Proنى ئېلان قىلدى، بۇ يانفونغا ئۈچ دانە كامېرا ئورنىتىلىپ قالماي، يەنە لازېر نۇرلۇق رادار ئىقتىدارىمۇ بار، تېخىمۇ يادرولۇق بولغىنى ئۇنىڭ كەينىدە ھېسابلاش ئىقتىدارىنى فوتو ئاپپاراتقا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان A14 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ بار. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئالما بىر تەرەپ قىلغۇچ ئارقىلىق كامېرا لىنزىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان «سۈرەت ئىمپېرىيەسى»، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا پەقەت ناھايىتى كىچىك CMOS بولسىلا، قايتا-قايتا نۇرلاندۇرۇش ۋە كۆرۈنۈشنى ھېس قىلىش ئارقىلىق، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى بىرىكتۈرۈپ چىقالايدۇ. دېمەك، بىز ئەمدى فوتو ئاپپاراتقا ھەۋەس قىلمىساقمۇ، يانفوندا سۈرەتكە تارتىپ، يانفون بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئارقا سۇپىدا ئەلالاشتۇرۇشى ئارقىلىق، دوستلار چەمبىرىكىگە ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ھەمبەھىرلىگىلى بولىدىغان دەرىجىدىكى سۈرەتكە ئېرىشەلەيمىز. گەرچە ئوپتىكىلىق كامېرا لىنزىسى سۈرەتنى باسما دەرىجىسىگە يەتكۈزەلىسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ياكى خالىغانچە تارتقان ئاشۇ سۈرەتلىرىنىڭ ئەسلىدىنلا بېسىلىش ياكى نەشىر قىلىنىش پۇرسىتى يوق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز iPhone 12نىڭ سىنغا ئېلىش ئىقتىدارىنىڭمۇ يېڭى پەللىگە يەتكەنلىكىنى كۆردۇق، بۇ ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ خىل ئەھۋال شەكىللەندى، يەنى كىشىلەر ئېلان-تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلات سۈرىتىنى فوتو ئاپپاراتتا تارتسىمۇ، لېكىن سىرتقا ئوينىغىلى چىققاندا، قەتئىي فوتو ئاپپارات ئېلىۋالمايدىغان بولدى، iPhone 12 قاتارلىق يانفونلار ئۇلارنىڭ سۈرەتكە چۈشۈش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇردى. 2020 ـ يىلى، ئالما شىركىتى جەمئىي 200 مىليون يانفون ساتتى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى ئەۋلاد iPhoneنىڭ كامېرا ئىقتىدارى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن، مەسىلەن، تېخىمۇ كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا سېنزورى قوشۇلىدىكەن. مۇشۇ رېتىم بويىچە بولغاندا، فوتو ئاپپارات ھەقىقەتەن كەسپىي فوتوگرافلارنىڭ خىزمەت قورالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر ياخشىراق يانفون سېتىۋالسىلا بولىدۇ. 来源:爱酷艺 监制:麦麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:张伟 |