نادىر تىلۋىزيىە تىياتىرلىرى发表时间:2021-02-14 13:26作者:ئەلكۈيى来源:ئۈندىدارسالونى بەزى كىشىلەر: «ھازىر دۆلىتىمىز ئىشلىگەن تىياتىرلار بۇرۇنقىلىرىغا يەتمەيدۇ دېيىشىدۇ». ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس، ھازىر دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن ياخشى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارتىسلارنىڭ تىياتىردىكى ئىپادىسىمۇ ناھايىتى قالتىس. ئەگەر بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەرقايسى تور سۇپىسىلىرىدا قويۇلغاندىن سىرت مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىسمى ئاتالسا ھەمدە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدە قويۇلسا، بۇ شۇ تىياتىرغا نىسبەتەن بىر خىل يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شۇنداقلا تىياتىر سۈپىتىنىڭمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 1.«جېن خۇەن ھەققىدە قىسسە» (甄嬛传) تىياتىردىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈش ۋە سەھنە سۆزلىرى كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، بولۇپمۇ تىياتىردىكى خۇا بانۇ (华妃)نىڭ پادىشاھ تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىنكى ھالىتى ھەم سۆزلىرى نۇرغۇنلىغان كۆرۈرمەنلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. 2.«چىڭيۈ يىلنامىسى» (庆余年) تىياتىردىكى چېن داۋمىڭ بولسا پىشقەدەم ئارتىسلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تىياتىردىكى رول ئېلىش ماھارىتى ناھايىتى قالتىس بولغان. بۇ تىياتىر سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقاندا شياۋ جەن باش رول ئالغان «سېھىرلىك نەي» (陈情令)مۇ سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى تىياتىردا ئوخشاش بولمىغان يەن بىڭيۈن (言冰云) بىلەن ۋېي ۋۇشيەن (魏无羡)دىن ئىبارەت ئىككى رولنى ئالغان، شۇنداق بولغاچقا شياۋ جەن تەرەققىيات ئەۋزەللىكى بار ئارتىسلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان. 3.«يەنشى سارىيىدىكى ئاياللار» (延禧攻略) گەرچە بۇ تىياتىرنىڭ قويۇلغىنىغا خېلى بىر مەزگىللەر بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئالقىشلىق دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى ھەم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تىياتىر كورېيەدىمۇ ئالقىشىقا ئېرىشكەن. 4.«لاڭيا تىزىملىكى» (琅琊榜) بۇ تىياتىرغا خۇگې (胡歌)، ليۇ تاۋ (刘涛) ۋە ۋاڭ كەي (王凯) قاتارلىق ئەمەلىي كۈچى ئېتىراپقا ئېرىشكەن ئارتىسلار بىرلىكتە قاتناشقان، ئارتىسلارنىڭ تىياتىردىكى ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئۆزگىچە بولغان تىياتىر ۋەقەلىكى بىلەن يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن. 5.«زەھەر چەكلەش ھەرىكىتى» (破冰行动) بۇ تىياتىر گەرچە بىر تور تىياتىرى بولسىمۇ، لېكىن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدىمۇ قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تىياتىر يىللىق ئون چوڭ كۆپ قىسىملىق تىياتىرلار مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن. |