كورلا شەھىرىدى ئامەتلىك لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى 159156 يۈەن مۇكاپات مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2021-03-22 16:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى باش باھاردىكى نەشپۈت شەھىرى كورلىنىڭ ھاۋاسى خۇددى تاغدىن ئۆتۈش پويىزىغا ئولتۇرغاندەك بولۇپ، بىردەم ئىللىسا، بىردەم سوۋۇغاندەك قىلاتتى، لېكىن لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى باشتىن ـ ئاخىر تولۇپ تاشقان ئىدى. 12-مارت، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالغان جاڭ ئەپەندى ئەنە شۇنداق ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئىگىلىنىشىچە، جاڭ ئەپەندى تىجارەتچى بولۇپ، ئادەتتە ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرۈيدىكەن، لېكىن ئازراق بوش ۋاقتى بولسىلا ئۇ لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كۆڭۈل ئېچىپ قويىدىكەن. لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا كۆپ يىل بولغان جاڭ ئەپەندىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى بولۇپ، ھەر قارالىقىنى دىگۈدەك سىتىۋالىدىكەن، چۈنكى جاڭ ئەپەندىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، نومۇر ساقلاش ئۇنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتىكى بىردىنبىر تاللىشى بولۇپ قالغان. 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، جاڭ ئەپەندى كورلا شەھىرىدىكى 65280139 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا، شۇ كۈنى مۇكاپات ئىچىلغان «قوش رەڭلىك توپ» نى سېتىۋالماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ ئىلگىرى « 10 + 1» قايتىلانما بېلىتىنى سېتىۋېلىپ، كۆرۈپ چىقتى، ئويلىمىغان يەردىن تەلەي ئاستا ئاستا ئۆزىگە قاراپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدى، بۇ لاتارىيە بېلىتى جاڭ ئەپەندىگە بىر دو قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى ۋە بىر قانچە كىچىك مۇكاپات ئېلىپ كەلدى، جەمئىي 159156 يۈەن مۇكاپات! ـــ خۇش بولدۇم، ئەلۋەتتە خۇش بولدۇم! جاڭ ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا مۇنداق دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، خۇشال بولغاندىن باشقا ئازراق ئەپسۇسلىنىمەن، قانداقلا بولمىسۇن پەقەت بىر نومۇر پەرق بىلەن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتىم، بىراق ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتمۇ ياخشى پۇرسەت، ھەم خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدۇ. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، جاڭ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « بۇ قېتىمقى مۇكاپات ئېرىشىش ئىشەنچىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى، مەن بۇ قىزىقىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن، تۇرمۇشۇمنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى. (بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن) |