ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئۈرۈمچىلىك لاتارىيەچى 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-30 11:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

چاغاننى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈپ، شەھەرنى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدۈردۇق! چاغان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر دەرھال ھەركەتلەندى ۋە، يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى. مانا، ئۈرۈمچىلىك لاتارىيەچى لو ئەپەندى بايرامدىن كېيىنكى تۇنجى قارارلىق «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا، بىر دانە «9 + 1» قايتىلانما لاتارىيە بېلىتى ئارقىلىق 260 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ياخشى باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى!

ئۈرۈمچى شەھىرى رۇڭخې شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق لو ئەپەندى پشىقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، 65010228 پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتى ئۇنىڭ ھەر كۈنى چوقۇم بارىدىغان جايى ئىدى. 2- ئاينىڭ 21- كۈنى، لو ئەپەندى ئىشتىن چۈشۈپلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئىشىكتىن كىرىپلا مۇنداق دېدى: « بۈگۈن < قوش رەڭلىك توپ> دىن كېيىنكى تۇنجى قارارلىق سېتىش، چاغاننى كۈتۈۋېلىش! ئامەت يار بولسۇن! چاغاندا ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، مەن تەپسىلىي تەتقىق قىلدىم، بۇ مەن كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان نومۇر، مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمدە مەسىلە يوق.»- ئۇ شۇنداق دېگەچ مال ساتقۇچى لاۋخۇاڭغا بىر پارچە دو تىكىش نۇمۇرىنى بەردى، مال ساتقۇچى مال سېلىش تالونىنى قولىغا ئېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ: ـــ«لاۋلو! ئارزۇيىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى، يېڭى يىلدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.»- ئۇ شۇنداق دېگەچ قوش رەڭلىك توپ «9 + 1» نىڭ قايتىلانما لاتارىيە بېلىتىنى بەردى.

شۇ كۈنى كەچتە، لو ئەپەندى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تورى ئارقىلىق شۇ كۈنىدىكى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ مۇكاپات نومۇرىنى سۈرۈشتۈرگەندە، قىزىل توپ تولۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئەپسۇسكى، كۆك توپ تولۇق چىقمىغان، لو ئەپەندى 1 دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، قوشۇمچە 18 دو 4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە 45 دو 5-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 260022 يۈەن بولدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالغان لو ئەپەندى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«يېڭى يىلدا ياخشى باشلىنىش بولدى! ھەقىقەتەن ياخشى بىشارەتكەن! ئۇ:«پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىش بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى، مەن لاتارىيە سېتىۋېلىش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىمەن.»-دېدى

(ئۈرۈمچى سۈيياڭ)

8.png

分享到: