新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيە خادىملىرى ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە تەربىيىلەش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

发表时间:2021-04-15 16:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

         سانجى ئوبلاستى پاراۋانلىق لاتارىيە فۇكاڭ رايونىدا ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە تەربىيىلەش مانېۋىرى ئۆتكۈزىلدى

«خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ ـ خەتەرنى ئويلاپ، تەپەككۇر قىلىپ ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش كېرەك، تەييارلىق بولغاندا خەۋپ بولمايدۇ.» پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىنىڭ بوشلۇقى چەكلىك، ئەمما ئادەم زىچ بولغاچقا، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ئىزچىل ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، لاتارىيەچىلەر ۋە ساتقۇچىلارنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

سېتىش پونكىتلىرىدىكى ساتقۇچىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالدا ماسلىشىش ئىقتىدارى، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، فۇكاڭ رايونى پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش خادىملىرىنى ئوت مۇداپىئە بويىچە تەربىيەلىدى ۋە مەشىق قىلدۇردى.

4 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، 65238024 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا فۇكاڭ شەھەرلىك جۇڭئەن ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى كەسپىي ئوت ئۆچۈرۈش ئوقۇتقۇچىسى ساتقۇچىلارنى تەربىيەلىدى. تەربىيەلەش مەزمۇنى: دائىم ئىشلىتىلىدىغان قولدا كۆتۈرىدىغان قۇرۇق پاراشوكلۇق ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەشغۇلاتى، ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلۇش ماھارىتى، قانداق قىلىپ توغرا سىگنال بېرىش، قۇتقۇزۇش، تارقاقلاشتۇرۇش، قانداق قىلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە قېچىپ قۇتۇلۇش قاتارلىقلار.

نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيىلەنگەندىن كېيىن نەق مەيداندا مانېۋىر ئېلىپ بېرىلدى. كەڭ دالىدا، ئوت ئۆچۈرۈش ئوقۇتقۇچىسى ئوت ئۆچۈرگۈچنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا كۆپچىلىككە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى، بارلىق خادىملار ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئىشلىتىپ ئوت ئۆچۈردى.

ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەربىيلەش مانۋېرى جىددى، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى، تەربىيلەش مانۋېرى مۆلچەردىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى. ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق، مال ساتقۇچىلار ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پايدىلىق ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، فۇكاڭ رايونى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ بىخەتەر تىجارەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

(فۇكاڭ شىفۇرېن)

2.png

分享到: