ئىبراھىموۋىچنىڭ شىۋېتسىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقۇسى بار发表时间:2021-02-10 13:57来源:جىبوبا تورى «تۇرىن تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىبراھىموۋىچنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا قايتىپ كېلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىم ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن مەيدانغا چىققان ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىكەن. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئىبراھىموۋىچنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولۇپ، ئۇ ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە AC مىلان ئۈچۈن 17 قېتىم مەيدانغا چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە 16 قېتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ، 16 توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى ياردەمچى پاس بەرگەن. |