ياۋروپا لوڭقىسىدىكى «ھالاكەت گۇرۇپپىسى»: قايسى كوماندىنىڭ ھۇجۇم گۇرۇپپىسى ئەڭ كۈچلۈك؟发表时间:2021-05-25 17:42作者:ئەلكۈيى تورى来源:جىبوبا تورى ياۋروپادىكى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا لوڭقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، F گۇرۇپپا ھالاكەت گۇرۇپپىسى دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىدىكى ئۈچ كوماندا ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك چوڭ مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، گېرمانىيە يۆتكىلىش بازىرى بۇ ئۈچ كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىلىرىنى پەرەز قىلدى. 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى فىرانسىيە كوماندىسى: كومان (بايرېن مىيۇنخېن، 65 مىليون ياۋرو)، بېنزېما (خانلىق مادرىد، 25 مىليون ياۋرو)، مباپپې (پارىژ سانت گېرمان، 160 مىليون ياۋرو). 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى گېرمانىيە كوماندىسى: ۋېرنېر (چېلسى، 65 مىليون ياۋرو)، مۇللېر (بايرېن مىيۇنخېن، 35 مىليون ياۋرو)، گنابرىي (بايرېن مىيۇنخېن، 70 مىليون ياۋرو). 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونى پورتۇگالىيە كوماندىسى: جوتا (لىۋېرپول، 40 مىليون ياۋرو)، كرىستىيانو رونالدو (يۇۋېنتۇس، 50 مىليون ياۋرو)، بېرناردو سىلۋا (مانچېستېر شەھىرى، 70 مىليون ياۋرو). سىلەرچە قايسى كوماندىنىڭ ھۇجۇم گۇرۇپپىسى ئەڭ كۈچلۈك؟ |