新闻详情

يۇۋېنتۇس ئورگان تورىدا كرىستىيانو رونالدو بىلەن خوشلاشتى

发表时间:2021-08-31 20:12作者:ئەلكۈيى来源:ئەلكۈيى

بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى مانچېستېر بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا كرىستىيانو رونالدونى قوشۇۋالغانلىقىنى ۋە 2023-يىلىغىچە توتام ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۈگۈن يۇۋېنتۇس ئورگان تورىدا كرىستىيانو رونالدو بىلەن خوشلاشتى، ئۇلار ئۈچ يىللىق ھەمكارلىق ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلغان تارىخنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يۇۋېنتۇس ئېلان قىلغان كرىستىيانو رونالدو بىلەن خوشلىشىش خېتىنىڭ مەزمۇنى:

رەھمەت ساڭا كرىستىيانو رونالدو.

كرىستىيانو رونالدونىڭ يۇۋېنتۇستىكى سەپىرى ئاخىرلاشتى.

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ياۋروپا ھەتتا دۇنيا پۇتبولچىلىقىنىڭ ئىككى سىمۋولى قول تۇتۇشۇشنى قارار قىلدى، كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇس توپچىسىغا ئايلاندى. شۇ كۈنىدىن باشلاپ بىز قول تۇتۇشۇپ ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزۈپ 133 مەيدان مۇسابىقىنى تاماملىدۇق، بۇ جەرياندا 101 توپ كىرگۈزۈپ بەش چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتۇق، ھەمكارلىق مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. يۇۋېنتۇس بىلەن رونالدو كەلگۈسىدە ئۆز يولىغا ماڭىدۇ.

شۇ يىلى 7-ئايدا كرىستىيانو رونالدو تۇرىنغا كەلگەن، ھېلىمۇ ئېسىمدە ھاۋامۇ ئاشۇ قالتىس كۈنلەرگە ئوخشاش ھاياجانغا تولغان. «تاغىل ئات قوشۇنى» مەستانىلىرى يولغا چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالغان، ئۇنى پادىشاھتەك قارشى ئالغان ھەمدە ئۇنى مۇسابىقىدە مەيدانىدا تېزىراق كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان، بۇ بىر ئېسىل ھېكايە.

ئۇنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى بىزنى تەسىرلەندۈرگەن، ئۇنىڭ ۋىللارپېروسادىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى كۇلۇبنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ كەلگۈسىگە ئۈمىد بېغىشلىغان، ۋېرونادىكى چېۋو كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن تۇنجى رەسمىي مۇسابىقىنى تاماملىغان. ئەلۋەتتە، ئۇ ساسۇلو بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈپ، ئاللىيانز مەيدانىدا بەلگە خاراكتېرلىك تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇ يۇۋېنتۇس بىلەن تۇنجى چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇ مۇسابىقىدە كاللا توپ كىرگۈزۈپ يۇۋېنتۇسنىڭ ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىشىگە ياردەم بەرگەن، ئاندىن تۇنجى قېتىملىق ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ بۇ يىلقى ھوسۇلى بولسا ئىتالىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇنىڭ يۇۋېنتۇستا ئېرىشكەن بارلىق نەرسىلىرىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدۇ، رونالدو ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە تۇنجى قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن ئۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ نۇرغۇن رېكورتلارنى ياراتتى.

كرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇس تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ كوماندىغا قوشۇلغان ئالدىنقى ئۈچ مۇسابىقە پەسلىدە 100 توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئايلاندى. ئۇ ئوخشاش مەزگىلدە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى، جەمئىي 81 توپ كىرگۈزگەن، ئوخشاش مەزگىلدىكى باشقا توپچىلار ئۇنىڭغا قارىغاندا كەم دېگەندە 10 توپنى ئاز كىرگۈزگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، تارىختا تۇنجى بولۇپ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن توپچىغا ئايلاندى.

يۇۋېنتۇس بىلەن رونالدو ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى بەك كۆپ ئۆتكۈزدى، بىز بۇ گۈزەل دەقىقىلەرنى بىللە ئەسلىيەلەيمىز. ئەمما بۇنداق بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلىرى بار. ھەممەيلەننىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئورتاق ھېسسىياتى بار، ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ھەر بىرىمىز ئاخىرىدا بىللە ھەمكارلاشقان ۋە بۇ ھەمكارلىقنىڭ ھېسسىياتىنى ئەستە ساقلايمىز. بۇ پەيتتە ئۈچ يىل ئىلگىرى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلانغان ھەمكارلىق غايىب بولدى، ئەمما يېزىلغان تارىخ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ.


分享到: