新闻详情

ۋولۋو ئېسىل ئاپتوموبىلى  ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان ئاشۇ پەيت

发表时间:2021-07-22 16:52作者:ئەلكۈيى来源:ئەلكۈيى


يېقىندا<<گۈزەل شىنجاڭ ئەقىل ـ پاراسەت بىلەن سەپەرگە چىقىش>> تېمىسىدىكى خەلققە جاۋاب قايتۇرۇش پاراۋانلىق پائالىيىتى ئاپتونوم رايون بويىچە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى، تارباغاتاي، قوبۇقسار ناھىيەسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، لاتارىيەچىلەرمۇ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ. 8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، تەلەيلىك لاتارىيىچى لياڭ ئەپەندىنىڭ» ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشتى، ۋولۋو XC60 ئېسىل ئاپتوموبىلدىن بىرىگە ئېرىشكەن ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، لياڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ <<تۆمۈر دەستىلىك لاتارىيەچىسى>> بولۇپ، يېشى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: « ھەر خىل لاتارىيە ئويۇنلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ‹سەي›لىرىم، لېكىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم شۇكى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ھېسابلىنىدۇ» . قىرغۇچ ئاۋازى ئاددىي ھەم قىزىقارلىق، چوڭ مۇكاپات كىچىك مۇكاپاتلىرىنىڭ ھەممىسى بار، قىرسا بەك قىزىقارلىق. لياڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: مېنىڭ بىر ئادىتىم بار، ھەر قېتىم رەڭدارلىققا جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى بولسا، مەن ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىمەن چۈنكى مەن قىزغىن كەيپىياتنى بەك ياخشى كۆرىمەن.

8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى سەھەردە، لياڭ ئەپەندى ئالدىراپ ـ تېنەپ ئىشىك ئالدىدىكى سېتىش نۇقتىسىغا كېلىپ، ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى: << تېز، تېز، ماڭا گۈزەل شىنجاڭدىن بىر سومكا ئەكىلىپ بېرىڭ، مەن تۈنۈگۈن كەچ چۈشۈمدە بىر ماشىنىغا ئېرىشتىم، بۇ ياخشى بېشارەت بولدى!>> پۇلنى تۆلەپ بولۇپ لاتاريەنى ئالغاندىن كېيىن، لياڭ ئەپەندى تاقەتسىزلىك بىلەن كارتا قىرغۇچنى قولىغا ئېلىپ لاتاريەنى بىر- بىرلەپ ئاچتى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، بىر بولاق لاتاريەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسى قالدى، لياڭ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ: « مۇشۇ بىر پارچىلا قالدى، قارىغاندا مېنىڭ بۇ شېرىن چۈشۈم ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئوخشايدۇ! ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا، لياڭ ئەپەندى« ۋايجان» دەپ ۋارقىرىۋەتتى. مال ساتقۇچى لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ تەپسىلىي كۆزەتتى، بىرىنچى قۇرنىڭ تۆتىنچى كاتەكچىسى دەل« ئاپتوموبىل» رەسىملىك بەلگىسى بولۇپ، لياڭ ئەپەندىنىڭ راستىنلا شېرىن چۈشى رېئاللىققا ئايلاندى!

لياڭ ئەپەندى ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا مۇنداق دېدى: بۇ خۇددى چۈش كۆرگەنگە ئوخشايدۇ، مەن بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، ئەينى چاغدا پۈتۈن ئادەم داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالغان بولۇپ، زادى چۈش كۆرگەنلىك ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. بۈگۈن كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردۈم، ماشىنىنىڭ ئۇ يەردە توختىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى! » دېدى.


分享到: