新闻详情

<< خۇشاللىق 8» نى ئايلىنىپ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان دو تىكىش ئۇسۇلىنى تاللاش

发表时间:2021-07-26 17:10作者:ئەلكۈيى来源:ئەلكۈيى




پاراۋانلىق لاتارىيەسى« شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل، قىزىقارلىق بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرگە تايىنىپ، كەڭ لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىدا بارغانسېرى كۆپلىگەن ئەمەلىي كۈچى بار لاتارىيەچىلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى، ئۇلار« شادلىق 8» ئويۇنىنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان دو تىكىش ئۇسۇلىنى تاپتى.

8 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، قەشقەر مارالبېشى ناھىيەسىدىكى بىر ئۇيغۇر لاتارىيەچى   زۇلا ئەپەندى( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) << يۈرەكلىك بولۇش، ھەممىنى سۆرەش>> ئۇسۇلىنى ۋە، << ئالتىنى تاللاش>> ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ، 46 مىڭ 800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپات ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش جەريانىدا، پەيزۇللا ئەپەندىنىڭ چىرايىدا سۇس تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ئۇ ئۆزىنىڭ گەرچە« شادلىق 8» ناملىق ئويۇن بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، بۇ ئويۇننى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ـــ مەن« خۇشاللىق 8» ئويۇنىنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭ ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل، ئويناشقا بەك   ماس كېلىدۇــ دېدى.

پەيزۇللا ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: مەن مارالبېشى ناھىيەسىدىكى 65318038 بازارغا سېلىش پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى بىلەن تونۇشقىنىمغا خېلى ئۇزۇن بولدى، بۇ پونكىت ئەمدىلا« شادلىق 8» ئويۇنىنى سېتىشقا باشلىغاندا، مال ساتقۇچىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، بۇنىڭغا قاتنىشىپ سىناپ باققان، بىر نەچچە ئاي ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەت رەڭلىك نومۇر سېتىۋېلىش تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، « توردا قىزىل ئويناش ئۇسۇلى» دەپ ئاتالغان« ئۆت كودىنى پۈتۈنلەي سۆرەپ سېتىش» نىڭ ئۆزىگە ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئىزچىل تۈردە سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرغان. <<قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە>> دېگەندەك ئۆزىنىڭ چىڭ تۇرۇشى، ئاخىر جاۋابقا ئېرىشتۈردى.


分享到: