新闻详情

لاتارىيەچىلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس

发表时间:2021-07-28 12:27作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ 2021- يىلىدىكى « شادلىق 8» ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى باشلانغان بۇلۇپ، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا: پۈتۈن ئويناش ئۇسۇلى مۇكاپاتى، «ئوننى تاللاپ ئون چىقىش» بويىچە بىر قاتلىنىش مۇكاپاتى ۋە «توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش» بويىچە بىر قاتلىنىش مۇكاپاتىدىن ئىبارەت.

«شادلىق 8» ئويۇن ئېقىمى مۇكاپاتىغا قارىتا، فۇكاڭدىكى لاتارىيەچىلەر كۆڭلىدە خۇشال بولدى. 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، مۇكاپات تارقىتىش كۈننىڭ ئەتىسى، شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات باشلانغاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇش خەۋىرى يېتىپ كەلدى، فۇكاڭ شەھىرى 65230172 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى بىر لاتارىيەچى ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاپ «شادلىق 8» ئۇيۇنىغا بەشنى تاللاش ئويناش ئۇسۇلى بويىچە دەن 4 چۈەن تو دو تىكتى، تۆت دانە دەنما تۇلۇق چىقتى، قۇشۇپ بېرىلگەن مۇكاپات سوممىسى 4800 يۈەننى قوشقاندا، جەمئىي 22060 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇ پونكىتنىڭ مال ساتقۇچىسى ما خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ لاتارىيەچى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، بەش يىل ئىلگىرىلا پاراۋانلىق لاتارىيە بىلەن تۇنۇشقان، بۇ لاتارىيەچى دوستمىز ھەر بىر ساندىكى « قوش رەڭلىك توپ» ، 3D، « شادلىق 8» ئويۇنىغا چوقۇم دو تىكىدىكەن، ئۇ بۇ بىر نەچچە يىلدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10-20 مىڭ، 100 نەچچە مىڭ، 300 نەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن.

ما خانىمنىڭ دېيىشىچە، 6-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن «شادلىق 8» ئويۇنىنى سېتىشنى توختىتىشقا يەنە ئون نەچچە مىنۇت قالغاندا، ئۇ كېلىپ، خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى، نومۇر تاللاشقا ۋاقىت يوقلۇقىنى ئېيتىپ، تەقلىدىي نومۇر تاللاش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق بىر گۇرۇپپا نومۇرنى تاللاپ دو تىككەن.

ئامەت كەلگەندە توسقىلى بولمايدۇ دېگەن راست گەپ ئىكەن، كىم بىلسۇن بۇنداق خالىغانچە بىر گۇرۇپپا نومۇرغا مۇكاپات چىقىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇشۇپ بېرىلگەن مۇكاپات سوممىسى 4800 يۈەن ئىكەن. بۇ ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىلەرنىڭ بۇ يىل«شادلىق 8» نى ئويناپ تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن كۆپ سوممىلىق مۇكاپات پۇلى بولۇپ، ئۇنىڭغا شادلىق 8 نى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئامەتلىك لاتارىيەچى مۇنداق دېدى: « < توردا مودا بولغان>   دەن 4 چۈەن تو ئويناش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن بەك قىزىقارلىق ئىكەن، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن!»-دېدى.

7.png

分享到: