پىشقەدەم لاتارىيەچى «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2021-08-02 16:43作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى تومۇز ياز 7-ئايدا، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى لاتارىيەچىلەرگە توختىماي كاتتا سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەلدى. 7 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى 65288051 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى لىيەن ئەپەندى ئىنتايىن خۇشال بولدى، ئۇ شۇ كۈنى «دەن 4 چۈەن تو» دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ «بەشنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلىنى بويىچە دو تىككەن بۇلۇپ، نەتىجىدە تۆت دانە دەنما تۇلۇق چىقتى، ۋە 22060 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، ليەن ئەپەندى «شادلىق 8» ئويۇنىدىكى پىشقەدەم لاتارىيەچى ئىكەن، بۇ ئويۇن شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، پەقەت خىزمىتى ئالدىراش بولمىسىلا، ئۇ 65288051 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىكەن، لىيەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «شادلىق 8» ئۇيۇنىغا ئالاھىدە ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 7- ئاينىڭ 11- كۈنى، ليەن ئەپەندى 65288051 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، گەرچە ئۇ تېخنىكا تىپىدىكى لاتارىيەچى بولسىمۇ، لېكىن شۇ كۈنى نومۇر تاللاشتا ھېچقانداق ھېسىياتى يوق ئىدى. ئىككىلىنىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يېنىدىكى بىر نەچچە لاتارىيەچىنىڭ « شادلىق 8» ئويۇن نومۇرىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى، ليەن ئەپەندى دەرھال خاتىرە قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن يەنە « 30، 35، 43، 49» دېگەن تۆت ساننى تاللىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ليەن ئەپەندى بۇ تۆت نۇمۇرنى «دەنما» قىلىپ، «بەشنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى بويىچە «دەن 4 چۈەن تو» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دو تىكتى. ئويلىمىغان يەردىن، شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلىپ ليەن ئەپەندى تاللىغان تۆت دانە دەنما تۇلۇق چىقتى، ليەن ئەپەندى خۇشاللىق ئىچىدە 22060 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ خۇشخەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇ خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى. ليەن ئەپەندى قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا: ـــ«قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت بېشىمىزنى تۆۋەن قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ نومۇرىنى تەتقىق قىلساق بولمايدىكەن، باشقىلارنىڭ ئىلھامىنىمۇ ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن ـ دە!»-دېدى. |