新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيەسى مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پارتىيە تارىخى تەربىيەسى پائالىيەت خاتىرىسى

发表时间:2021-08-04 19:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

تۆھپە كۆرسەتكەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا غەمخورلۇق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىنقىلابىي ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاش

تولى ناھىيەلىك پاراۋانلىق لاتارىيە مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتى پارتىيە تارىخى تەربىيەسى پائالىيىتى خاتىرىسى


پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش» تەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى تولى ناھىيەلىك يۈنۋېي باشقۇرغۇچىسى لى جۈنماۋ (پارتىيە ئەزاسى) پاراۋانلىق لاتارىيە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كۆپچىلىك پاراۋانلىقى كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، پارتىيە ئەزالىرى ئائىلە تاۋابىئاتى جاڭ سۇيىڭ بوۋاينى يوقلىدى، تولى پاراۋانلىق لاتارىيە كوللېكتىپىغا ۋاكالىتەن ھۆرمەت بىلەن ياشانغانلارغا بەخت تىلىدى، غەمخورلۇق قىلدى، ياشانغانلارنىڭ ئىنقىلابىي ئىش-ئىزلىرىنى تەسىرلىك بايان قىلىشىنى ئاڭلاپ، بىر قېتىملىق تەسىرلىك پارتىيە تارىخى چوڭقۇر تەربىيەگە ئېرىشتى.

6.png

(سۈرەتتە: ياشانغانلار پاراۋانلىق لاتارىيەسى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئۆمىكى بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە)

پاراۋانلىق لاتارىيە مېھرى ـ شەپقەت يەتكۈزۈش كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئەترىتى ياشانغانلارغا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى، ئۆي تازىلىقىنى قىلدى، ئامبارلارنى رەتلىدى؛ ياشانغانلارغا ھەمراھ بولۇپ چۈشلۈك تاماق يېدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بوۋاينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، مۇڭداشتى، دەردىنى ئاڭلىدى، قىيىنچىلىقىنى سورىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى بوۋاينىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى.

7.png

(سۈرەتتە: مېھرى ـ شەپقەت يەتكۈزۈش كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئەترىتى ئەزالىرى تازىلىق قىلماقتا)

8.png

(سۈرەتتە: مېھرى ـ شەپقەت يەتكۈزۈش كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئەترىتى ئەزالىرى چۈشلۈك تاماق ئەتمەكتە)

9.png

(سۈرەتتە: مېھرى ـ شەپقەت يەتكۈزۈش كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئەترىتى ئەزالىرى ئىسكىلاتنى رەتلىمەكتە)

10.png

(سۈرەتتە: مېھرى ـ شەپقەت يەتكۈزۈش كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئەترىتى ئەزالىرى ياشانغانلار بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولدى)

بوۋاي بىلەن بىللە چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان چاغدا، ئۆينىڭ قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالىتىنى كۆرۈپ، بوۋاي ناھايىتى خۇشال بولدى، جاڭ سۇيىڭ ھاياجانلانغان ھالدا ئايالى يولداش شىڭ جىجېننىڭ خىزمەت كۆرسىتىش گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، بىر تەرەپتىن ۋاراقلىغاچ، بىر تەرەپتىن كۆپچىلىككە ئىس ـ تۈتەكلىك يىللاردا كوممۇنىستلارنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلغانلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئىگىلىنىشىچە، جاڭ سۇيىڭ بوۋاينىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى شىڭ جىجېن بولۇپ، يولداش شىڭ جىجېن 1969 ـ يىلى 12 ـ ئايدا ئارمىيەگە كىرگەن، 1973 ـ يىلى 6 ـ ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، قىسىمدىكى مەزگىلدە كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن، 2020 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قايناق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان يىللىرىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر تەسىرلەندى، دەل كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ خالىس تۆھپىسى بولغاچقا، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

分享到: