新闻详情

جۇڭگو پاراۋانلىق لاتائەننىڭ شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىندى

发表时间:2021-08-26 12:53作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەننىڭ شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى


      7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 11 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ئەننىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭغا كېلىپ پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش، سېتىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، مائارىپ بىرلەشمىسى قۇرۇشنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دۇڭ جيەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتلىرىنى زىچ زىيارەت قىلىپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلدى. يولداش ئەننىڭ مۇنىلارنى كۆرسەتتى: پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، تارقىتىش، سېتىش ئاپپاراتلىرى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، لېكىن پونكىت-نۇقتىلاردىكى قىيىنچىلىق تېخىمۇ زور. پاراۋانلىق لاتارىيەسى سىستېمىسى« مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پونكىتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى پائال تەتقىق قىلىشى؛ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، پونكىتنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە پونكىت بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، پونكىتنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.


تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يەنە بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 3 ـ شىسى 41 ـ تۈەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ليەنى تارىخ سارىيىغا كېلىپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش» تەك بىڭتۈەن روھىنى ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى. 41 ـ تۈەننىڭ تۇەن ئىشتابى ساۋخۇ بازىرى« ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى ساپان» دا بارلىققا كەلگەن جاي، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كۆزنىكى، نەچچە ئەۋلاد بىڭتۈەنلىكلەر چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق بىڭتۈەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە. ئەينى يىللاردا، پېشقەدەم بىڭتۈەنلىكلەر بىپايان سازلىق، چۆل ـ باياۋانلاردا تۇرىدىغان بولۇپ، بىر قولىدا مىلتىق، بىر قولىدا جوتۇ ئېلىپ بوز يەر ئېچىپ، ئېتىز بەرپا قىلىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن، مىسلىسىز جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش جېڭىنى باشلىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە سوخۇ بازىرى گۈللەپ ياشنىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان يېڭىچە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بازىرىغا ئايلاندى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كونا سۈرەتلەر ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ چوڭقۇر نەزەر سېلىپ، گەمىلەرگە كىرىپ، جاپالىق ياشاش مۇھىتىنى ھېس قىلىپ، زامانىۋى بىڭتۈەنلىكلەر بىلەن بىللە پېشقەدەم بىر ئەۋلاد بىڭتۈەندىكى قەھرىمانلارنى ياد ئەتتى، بىڭتۈەننىڭ تارىخىنى ئەسلىدى. يولداش ئەننىڭ خاتىرجەم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: گەمىدە تۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىي سېھرىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە دەۋر كۈچىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. پاراۋانلىق لاتارىيەسى سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت ئاڭ» نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە تەرەققىيات تارىخىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى باسقۇچ، يېڭى مۇساپىدە پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى نۆۋەتتىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىكى ۋەزىپىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىدى. يولداش ئەننىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى باسقۇچتىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە باشتىن ـ ئاخىر ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ تەرەققىياتنىڭ بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈرەش قىلىش داۋامىدا پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى پەللىسىگە چىقىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يولداش ئەننىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى بىر مەيدان يېڭى ئىمتىھان، يېڭى دەۋرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تاماملاپ، پاراۋانلىق لاتارىيىسى سىستېمىسىدىكى پارتىيىلىك كادىرلار بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك ئاپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى لازىم. « ئىرادىنى ساقلاش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىرادىنى چېنىقتۇرۇش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، كادىرلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن لاتارىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ بېكەتلەرنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يوللارنى كېڭەيتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا قانات يايدۇرغان بىر قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش پائالىيىتى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ماڭغاچ ئۆگىنىپ، مەسىلىلەرگە ئاساسەن ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى سىستېمىسى پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىدىيەۋى كۈچ ۋە ھەرىكەت كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلار مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى تارقىتىش، سېتىش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يۇقىرى تاكتىكا خاراكتېرلىك لاتارىيە ئويۇنلىرىنىڭ بازاردىن چېكىنىش بېسىمىنى پەسەيتكىلى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش، سېتىش خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پاراۋانلىق لاتارىيەچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى نامايان قىلىش كېرەك.

分享到: