新闻详情

قاراماي شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ خانىم 110300 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-08-26 17:56作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى


قاراماي شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ خانىم ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، ۋە ھەمىشە 65020033 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە دو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن تۇنۇشقىلى ئۇزۇن يىل بولغان بۇلۇپ، ئىككى ئاي ئىلگىرى ئاندىن « شادلىق 8» ئويۇنىنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان ئىدى. 6 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ۋاڭ خانىم «شادلىق 8» ئويۇنى نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى خالىغان تۆت تال نومۇرنى دەنما قىلىپ بىكىتتى، «بەشنى تاللاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بەش ھەسسە «دەن 4 چۈەن تو» بويىچە دو تىكتى، ئويلىمىغان يەردىن تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، دەنما تۇلۇق چىقتى، ۋە 110300 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ خانىممۇ بىر ئايدىن كۆپرەك تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، كۆپ خىل ئويناش ئۇسۇلىنى سىناق قىلىپ، ئاندىن توردا ئالقىشلاش ئۇسۇلىنى، يەنى«دەنما چۈەن تو» ئۇسۇلىنى تاللىغان. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشى ئۈستىدە توختالغاندا، ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى: « مەن شۇ كۈنى نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆرۈپ بولۇپ، < 06، 21، 27، 38> دىن ئىبارەت بۇ تۆت نومۇرنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، بۇ خىل تۇيغۇ بەلكىم < ئاياللارنىڭ ئالتىنچى تۇيغۇسى> بولۇشى مۇمكىن! مەن شۇ ھامان بۇ تۆت نومۇرنى دەنما قىلىپ، بەش ھەسسە "دەن 4 چۈەن تو" دو تىكشنى قارار قىلدىم، ئويلىمىغان يەردىن مېنىڭ "ئالتىنچى سەزگۈم" ھەقىقەتەن يامان ئىكەن، مەن 110300 يۈەن پاراۋانلىق لاتارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم!»-دېدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى: « مېنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم تەلەي دېيىلسە، ئۇنداقتا "شادلىق 8" ئۇيۇنى مۇكاپات تارقىتىش مەزگىلىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم تەلەينىڭ ئىچىدىكى تەلەي دېيىشكە بۇلىدۇ. توپتوغرا 24 مىڭ يۈەن كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن!»-دېدى.

(قاراماي لىلىڭ)

分享到: