كورلىلىق سەيمىن ئادەتتىن تاشقىرى تەلەيلىك لاتارىيەچى بولدى发表时间:2021-09-08 12:56作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى كورلىلىق سەيمىن ئادەتتىن تاشقىرى تەلەيلىك لاتارىيەچى بولدى، 100 مىڭ يۈەن« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەيلىك» مۇكاپات چىقتى
9 ـ ئاينىڭ بېشىدا، بايىنغولىن ئوبلاستىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، كورلا شەھىرىدىكى ۋاڭ ئەپەندى تەلىيىگە» دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەيلىك« 100 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ۋاڭ ئەپەندى ئىسمى جىسمىغا لايىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەستانىسى، ئۇ ئەمدىلا 30 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش سېپىگە قوشۇلغىنىغا بەش، ئالتە يىل بولدى، مەيلى« شادلىق 8» ، « قوش رەڭلىك توپ» ياكى« قىرىش ئويۇنى » بولسۇن، ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىگە پىششىق. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ۋاڭ ئەپەندى لاتارىيە سېتىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى. 9 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى سەھەردە، ۋاڭ ئەپەندى كورلا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك 2 ـ شىسى يەسلىسىنىڭ يېنىدىكى 65280145 خېرىدار چاقىرىش پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە سېتىۋالدى، ئۇ ۋوگزالغا كىرىپلا ئالدى بىلەن» قوش رەڭلىك توپ« غا بىر نەچچە قېتىم دو تىكتى، ئارقىدىن، ئۇ» قىرىش ـ قىرىش، كۆڭۈل ئېچىش« كۆرگەزمە سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كۆرۈپ، بىر ئايلىنىپ، » دەرىجىدىن تاشقىرى بەخت« بېلىتىنىڭ ناھايىتى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، نەپىس بېلەت يۈزى ۋە ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ئويناش ئۇسۇلىنىڭ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. بېلەتنى ئالغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى نەق مەيداندا قىرىۋەتتى، بۇ ئويۇندا جەمئىي ئۈچ خىل ئويناش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ئىككىنچى ئويناش ئۇسۇلىغا كەلگەندە، ئۈچ ئوخشاش سۈرەت بەلگىسى بارلىقىنى بايقىدى، بۇ سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە تۇرغان ۋاڭ ئەپەندى شۇ ھامان ۋارقىراپ تۇرۇپ: « بۇ راستمۇ؟ 100 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىممۇ، چۈش كۆرمىگەندىمەن! مال ساتقۇچى بىر چەتتە تۇرغان ۋاڭ ئەپەندىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، دەرھال يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن 100 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كەلگەن ۋاڭ ئەپەندى مۇكاپاتنى ئېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: تەلىيىمنىڭ بۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ›قىرقىش، كۆڭۈل ئېچىش< تىكى ھەر بىر بېلەتنى ئاساسىي جەھەتتىن ئويناپ باقتىم، تۈنۈگۈن تاسادىپىي 100 مىڭ يۈەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇ لاتارىيە سېتىۋالغاندىن بۇيان مۇكاپاتقا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن بىر قېتىم بولدى، تەلىيىم بەك ياخشى بولدى، بەك خۇشال بولدۇم! » دېدى. |