ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

جيا ئەپەندى «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 44120 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-09-09 12:41作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا، سانجىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، كاتتا مۇكاپات ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى.

شۇ كۈنى، «شادلىق 8» ئويۇنى 2021162 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، سانجى شەھىرى يۈەنفېڭ 6 ـ ئەترىتىنىڭ 65230281 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرى تارقالدى، بىر لاتارىيەچى ئىككى پارچە بەشنى تاللاش ئويناش ئۇسۇلى دەن 4 چۈەن تو لاتارىيە بىلەن 34520 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى مەزگىلى بولغاچقا 34520 يۈەن بىردىنلا 44120 يۈەنگە يەتتى! ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ ئامەتلىك لاتارىيەچى جيا ئەپەندى خۇشاللىق ئىچىدە سانچى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، جيا ئەپەندى ئۆزىنىڭ «شادلىق 8» نى سېتىۋېلىش كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: « مەن كىچىك سودا قىلىمەن، ئادەتتە خىزمىتىم بىر قەدەر ئالدىراش، لېكىن ۋاقىت چىقسىلا يېقىن ئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى ھەر خىل ئويۇن ئويناش ئۇسۇللىرىنى ناھايىتى پىششىق بىلىمەن، "شادلىق 8" سېتىش باشلانغاندىن بۇيان مەن ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم، بۇ ئويۇن ئاددىي ھەم قىزىقارلىق ئىكەن، ئوينىغاچ ئۇنىڭ سېھرىي كۈچىگە قايىل بولدۇم». بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە جيا ئەپەندى توردا مودا بولغان ئويناش ئۇسۇلى«دەن تو ئويناش ئۇسۇلى» دىن خەۋەر تاپتى، ۋە نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆت نومۇرنى دەنما قىلىپ تاللاپ، ئىزچىل تۈردە   بەشنى تاللاش دەن 4 چۈەن تونى بويىچە نۇمۇر ساقلاپ دو تىكتى، ھەر بىر قارار مۇكاپات ئېچىلغاندا قىززىق نۇمۇر ۋە سۇغۇق نۇمۇرغا قارىتا ئۆزگەرتىش قىلدى، يەنى نۇمۇر ئىچىدىكى سۇغۇق نۇمۇرنى ئالماشتۇرۇپ داۋاملىق دو تىكتى.

شۇ كۈنى، جيا ئەپەندى دو تىككەندىن كېيىن خېلى يامان ئەمەس ھېس قىلدى، بىر دەنمانى تەڭشىگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دو تىكتى، « مەن يېقىندا "شادلىق 8" ئويۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتىنى بىلگەندىن كىيىن، بەلكىم مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇكاپات چىقىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم». شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلدى، جيا ئەپەندى دەل ۋاقتىدا مال ساتقۇچىنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، « سىزنىڭ ئىككى تال لاتارىيە بېلىتىڭىز تۆت تال دەنمانىڭ ھەممىسى چىقىپتۇ، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى بىلەن مۇكاپات قۇشۇپ، مول ھوسۇل ئاپسىز، قوش خۇشاللىق قولغا كەپتۇ، مۇبارەك بولسۇن!»-دېدى مال ساتقۇچى.

مۇكاپاتقا چىققانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، جيا ئەپەندى قاتتىق ھاياجانلىنىپ، مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئاندىن ھەقىقىي ئشىنىش كېرەك دەپ ئويلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا مۇكاپات نەقلەشتۈردى. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جيا ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىمقى ئىككى تال لاتارىيە بېلىتىنىڭ ھەممىسى مۇكاپات چىقتى، بەك خۇشال بولدۇم، ھەم ھەيران قالدىم، كېيىن يەنە لاتارىيە سېتىۋېلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، خۇشاللىقتىن داۋاملىق بەھىرمان بۇلىمەن ھەم ھەر قېتىملىق لاتارىيە سېتىۋېلىشنى پاراۋانلىق قىلىش دەپ بىلىمەن، ۋە خىزمەتتىن سىرتقى كۆڭۈل ئېچىش دەپ قارايمەن».


分享到: