ئامەتلىك لاتارىيەچى دىڭ ئەپەندى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2021-09-13 18:16作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى ئون مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپچىلىكنىڭ ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى لاتارىيە بازىرى ئاۋىياماتكىسى دەپ نام ئالغان « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى ئىسىگە ئالىدۇ، لېكىن بىزنىڭ بۈگۈن دېمەكچى بولغىنىمىز بەش مىليون يۈەنلىك ئۆتكۈر بىسلىق يېڭى ماھىر − پاراۋانلىق لاتارىيەسى« شادلىق 8» ئويۇنى. «شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، لاتارىيە بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپلا قالماي، كەڭ لاتارىيەچىلەرگىمۇ ئامەت ۋە خوشاللىققا ئېرىشىدىغان يېڭى بىر خىل ئۇسۇل قوشۇلدى. لاتارىيەچى دوستلارمۇ ئەڭ دەسلەپكى نادانلىقتىن ھازىرقى جانلىقلارغا، شۇنداقلا مول ھوسۇلغا ئېرىشتى. «شادلىق 8» ئۇيۇنى 2021173 قارار مۇكاپات ئېىچلدى، مەملىكەت بويىچە 2 دو «ئوندىن ئوننى تاللاش» مۇكاپاتى چىقتى، مۇ مۇكاپات ئۈرۈمچى شەھىرى 65015050 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن چىققان بولۇپ، شۇ قارار 5 مىليون يۈەن بىر قاتلانغان مۇكاپات ئاساسىدا، يەككەدو مۇكاپات سوممىسى 10 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم «شادلىق 8» ئويۇنى بويىچە 20 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتنى كۈتۈۋېلىشى ھېسابلىنىدۇ. ـــ« گەرچە مەن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت لاتارىيە سېتىۋالغان بولساممۇ، ئەمما بۇ كاتتا مۇكاپات ئالدىدا، ئەڭ چوڭ تەسىراتىم "تاسادىپىيلىق" بولدى، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان.» شۇ كۈنى، يېڭى مىليونېر دىڭ ئەپەندى ئۆزى يالغۇز شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ 20 يىللىق پىشقەدەم لاتارىيەچى ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق ئويۇننى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ ئويۇننى ياقتۇرۇپ قالدى ھەم كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭغا ئۆزىنى «شادلىق 8» بىلەن تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. شۇ كۈنىدىكى لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانىنى تىلغا ئالغاندا، دىڭ ئەپەندى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھېچقانداق پەرقى يوقلىقىنى بىلدۈردى، « تەخمىنەن ۋاقىت، مۇقىم ئورۇن، يەنىلا ئاپتوماتىك تاللاش» . ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەچكە، دىڭ ئەپەندى ھەر كۈنى چۈشتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى تاللىغان، شۇ كۈنى بىردىنبىر ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ئىككى ھەسسە دو تىككەن. «ئادەتتە مەن ئاپتوماتىك بەش دو تاللاپ، بەش ھەسسە دو تىكەتتىم، شۇ كۈنى نېمىشقىكىن، پەقەت ئىككى ھەسسىلا دو تىكتىم، بەش ھەسسە دو تىككەن بولسام تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى». ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان لاتارىيە بېلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاپتوماتىك تاللايدىغانلىقىنى، چۈنكى لاتارىيە بېلىتى بىر خىل ئېھتىماللىق ئويۇنى بولۇپ، نومۇر تاللاشقا كۈچ سەرپ قىلغاندىن كۆرە، پۈتۈنلەي تەلەيگە تايانغان ياخشى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «مەن ئادەتتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كۆڭۈل ئېچىپ قويىمەن، بىرەر چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. مەن ئىزچىل تۈردە لاتارىيە سېتىۋېلىشقا ئىدراكىي، چەكلىك روھىي ھالەت بىلەن قاتنىشىش، لاتارىيەگە كۆپچىلىك پاراۋانلىقىنى قوللاش نۇقتىسىدىن قاراش، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش، كۆپچىلىك پاراۋانلىقىنى قوللاش، خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇش، خۇشاللىق كۈتۈشتىن ئىبارەت دەپ قاراپ كەلدىم!»-دىڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىزچىل مۇشۇ لاتارىيە سېتىۋېلىش ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلغان ھەم ئىزچىل مۇشۇنداق چىڭ تۇرغان. «شادلىق 8» ئويۇنىغا قارىتا دىڭ ئەپەندىنىڭ ئۆز كۆز قارىشى بار: «شادلىق 8» ئۇيۇنى بىرخىل جىنو تىپىدىكى لاتارىيە بېلىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، مۇكاپات چىققان نومۇرنىڭ سانى دو تىككەن نومۇرنىڭ سانىدىن كۆپ بولىدۇ. «شادلىق 8» ئويۇنىدا جەمئىي 80 نومۇر بولۇپ، ھەر بىر قاراردىكى مۇكاپات نومۇرى 20، ئويناش قائىدىسى« ئوننى تاللاش» تىن « بىرنى تاللاش» قىچە 10 خىل ئويناش ئۇسۇلى، 39 خىل مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بار.-دېدى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 11دىن ئاشقاندا، دىڭ ئەپەندى يان تېلېفون ئارقىلىق مۇكاپات نومۇرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىدى، « قەلبىمدىكى ھاياجىنىمنى دېمەيلا قويايلى، مەن ئىزچىل كەيپىياتىمنى كونترول قىلىپ كەلدىم، ئۆزۈمنىڭ بەك ھاياجانلىنىپ كېتىشىمدىن قورقىمەن. گەرچە ئۆزۈمگە قايتا-قايتا تەسەللىي بەرگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇ كۈنى كەچتە مەن يەنىلا بىر كېچە ئۇخلىمىدىم. دىڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىككى كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن غەيرەتكە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ـــ «ھازىر ئۆزۈمنى ناھايىتى تەمكىن تۇتىۋاتقىنىمغا قارىماڭ، كۆڭلۈمدە يەنىلا جىددىيلىشىۋاتىمەن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ دەپ سۈپەتلىسەممۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ»، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش رەسمىيتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، دىڭ ئەپەندى بىر ئۇھ تارتىپ، كۆپچىلىك بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، يەڭگىل قەدەم بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىن ئايرىلدى. |