新闻详情

كورلا شەھىرىدىكى لاتارىيەچى مەمەتجان 138135 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-09-15 18:29作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«نومۇر ساقلاش» لاتارىيەچىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان دو تىكىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر «نومۇر ساقلاش» ئارقىلىق كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، كورلا شەھىرىدىكى لاتارىيەچى مەمەتجان دەل مۇشۇنداق تەلەيلىك لاتارىيەچىدۇر. 20-چىسلا، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2021068 قاراردا ئۇ «نومۇر ساقلاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 138135 يۈەن بولدى.

20-چىسلا، مەمەتجان كورلا شەھىرىنىڭ 65280267 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، شۇ كۈنى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلىش كۈنى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىگە كىرىپ كەلدى. مەمەتجان «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى نومۇرىنىڭ يۈزلىنىش خەرىتىسىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قاراردا دو تىككەن نومۇرىنىڭ ئېچىلمىغانلىقىنى بايقاپ، داۋاملىق چىڭ تۇرۇشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش خىل نومۇرنى يەنە بىر قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى. شۇ كۈنى كەچتە «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلدى، مەمەتجان يان تېلېفوندا مۇكاپات ئۇچۇرىنى كۆردى، ئۇ ئۆزى سېتىۋالغان بىر دو نومۇرىدىكى قىزىل توپنىڭ شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرىدىكى قىزىل توپقا ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى، بىردىنبىر ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، كۆك توپ چىقمىغان ئىدى، شۇ سەۋەبلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتغا ئېرىشەلمىدى. بىراق، مەمەتجان نۇمۇر ساقلاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغانلىقىدىن خۇشال بولدى، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ 138135 يۈەن ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

20-چىسلا، مەمەتجان بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « مېنىڭ نومۇر تاللاش ماھارىتىم يوق، پەقەت نومۇرنى ساقلاشلا خالاس، نومۇرنى توغرا تاللىغاندىن كېيىن داۋاملىق دو تىكىمەن. بۇ نومۇرنى ئىككى ئاي ساقلاپ كەلدىم، ۋاقىت بىر قەدەر ئۇزۇن، ھېلىمۇ ياخشى ئەينى ۋاقىتتا مەن ۋاز كەچمەپتىكەنمەن، بولمىسا بۇ تەلەينى قولدىن بېرىپ قوياتتىم!»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)

分享到: