ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئەلىجان ئەپەندى«شادلىق8»ئۇيۇنىدا 61800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-09-22 13:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

شىنجاڭنىڭ لاتارىيە شەھەرچىسىدە ماھىرلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر ئەمەلىي جەڭ ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۆزىنى تېخنىكا تىپىدىكى لاتارىيەچىلەردىن قىلىپ چېنىقتۇرۇپ چىقتى. تېخنىكا تىپىدىكى لاتارىيەچىلەر ھەمىشە ھەر خىل فورماتسىيەگە ئاساسەن نومۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مەلۇم فورماتسىيەنى توغرا كۆرگەندىن كېيىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە دو تىكىپ، ئۆزىگە تەۋە ئېسىل نومۇرلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

16-چىسلا، «شادلىق 8» ئويۇنى 280 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى باشلانغاندىن بۇيان ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى لاتارىيەچىلەر ئادەتتىن تاشقىرى ئامىتى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتىگە تايىنىپ كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، مانا قاراڭ، مارالبېشى ناھىيەسى 65318075 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بىر تەلەيلىك لاتارىيەچى بار بۇلۇپ ئۇ دائىم دېگۈدەك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇكاپات سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ. 26-چىسلا، بۇ تەلەيلىك لاتارىيەچى ئەلىجان ئەپەندى خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، تۈرلۈك نومۇر تاللاش كۆرسەتكۈچلىرىنى تاللاش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا بەش نومۇرنى تاللاپ دەنما قىلىپ بىكىتتى، «دەن 5 چۈەن تو» دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ «ئالتىنى تاللاش» ئۇسۇلىغا قارىتا دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلدى، خۇش خەۋەر يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئەلىجاننىڭ بەش دەنما تۇلۇق چىققان ئىدى! مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلى بولغاچقا، ئۇ جەمئىي 61800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئەلىجان ئەپەندى يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن مول مۇكاپات پۇلىنى قولغا كەلتۈردى، ئۇنىڭ چىرايىدا مەمنۇنلۇق، غەلىبە كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

(قەشقەر شاۋشا)


分享到: