新闻详情

تەلەيلىك لاتارىيەچى جوۋ ئەپەندى «شادلىق8» ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-09-24 12:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

كاتتا مۇكاپات يېتىپ كەلدى! 1-چىسلا، سانجى ئوبلاستىنىڭ جىمىسار ناھىيەسىدە «شادلىق 8» ئۇيۇنى توققۇزنى تاللاش ئويناش ئۇسۇلى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات 600 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات بارلىققا كەلدى!

ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى جوۋ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىر كونا لاتارىيەچى بولۇپ، 4-5 يىللىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەجرىبىسى بار ئىكەن، «قوش رەڭلىك توپ» ۋە «شادلىق 8» نى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. «شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ قەرەللىك ھالدا دو تىكتى، ھەر قېتىمدا دو تىكىش سوممىسى يۇقىرى بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىمدا نومۇر ئالماشتۇرماي نۇمۇر ساقلاپ كەلدى، « توققۇزنى تاللاش يەككە تىپ» بەش دو نۇمۇر، «ئوننى تاللاش يەككە تىپ» بەش دو نۇمۇرنى ساقلاپ كەلدى.

1-چىسلا كەچتە، جۇ ئەپەندى «شادلىق   8» ئۇيۇنىنىڭ مۇكاپات ئېچىش بىۋاستە تارقىتىشىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن، ھاياجانلانغانلىقىدىن بىر كېچە ئۇخلىيالماي، ئەتىگەن سائەت 7 دىن ئاشقاندا شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات ئالدى. جوۋ ئەپەندىگە مۇكاپات چىققان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كاتتا مۇكاپات، 1-چىسلا ئۇ 65230253 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا دو تىككەن بەش دو «توققۇزنى تاللاش يەككە تىپ»   نومۇرىدىكى بىر دو نۇمۇردا چوڭ مۇكاپات چىقتى. «شادلىق 8» ئۇيۇنى مۇكاپات تارقىتىش مەزگىلى بولغاچقا، جۇ ئەپەندى بىر دودىلا 300000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە توققۇزنى تاللاپ توققۇز چىقىش ھەسسلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى يەنى 300000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 600000 يۈەن بولدى.

2-چىسلا مۇكاپات ئالغاندا، جوۋ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا: « پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى مۇكاپات چېكىنى قولۇمغا ئالغاندا، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمگە ئىشەندىم»- دېدى. بۇ لاتارىيە بېلىتىنى مەن بۇ يىل« شادلىق 8» ئۇيۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ساقلاشنى باشلىغان ئىدىم، تەلىيىمنى سىناپ باقاي دەپ ئويلىغان، ئويلىمىغان يەردىن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم»-دېدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، جوۋ ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، مەن ئىزچىل تەقدىم قىلىش پىسخىكىسىنى ساقلاپ كەلدىم، ھالىمغا بېقىپ ئىش قىلىپ، تۇرمۇشۇمغا تەسىر كۆرسەتمەسلىك ئالدىنقى شەرت ئاستىدا لاتارىيەنى ئاقىلانىلىك بىلەن سېتىۋالدىم، مۇكاپاتقا ئېرىشسەم تەلىيىم ئوڭدىن كەپتۇ بولمىسا پاراۋانلىق دەپ قارايمەن، لېكىن كۆڭلۈمدە ئىزچىل كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئارزۇيۇم بار، بۇ قېتىم مۇشۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، ئۆزۈمدىكى ئامەتلىرىنىڭ ئىزچىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى كۆپرەك قوللايمەن!»-دېدى.


分享到: